مۇھاببەت
باھارگۈل ئىبرايىم
مۇھاببەت كۆيدۈرسەڭ ئوتلىرىڭدا سەن،
ئاقتۇرىسەن بەختنىڭ ساھىلى تامان.
ئاھ،شىرىن بولغاچقا ۋىسال شارابىڭ،
لەززەتتۇر ئازابىڭ دىيىلمەس يامان.
مەستخۇشلۇق ئىلكىگە ئالار ئىنساننى،
ۋىسالىڭ قەلىبتە كۆتۈرگەچ ئىسيان.
قەلبىگە سۆيگۈدىن ئۇرۇقلار چېچىپ،
مەشۇق دەپ ئەلەمدە چىكىشەر پىغان.
ھىجرانلىرىڭ قىينىسىمۇ كىشىنى،
ئاتا قىلار ئەمما، تاتلىق بىر ئازاب.
قىيداشسىمۇ سېغىنىشتا ئۆتىشەر،
مەشۇقىنىڭ ئىسمىنىلا يادىلاپ.
شۇنىڭ ئۈچۈن كۈيلەپ سىنى يازىمەن،
قەلبلەردە مىھرىڭ بولغاچ مول سىنىڭ.
سىنى دەپلا ئىڭرار نەپەس تۈگكىچە،
ھەر نەپەستە ئاققاچ تۇمۇردا قېنىڭ.
2015-يىل 15-ئاۋغۇست باي
174 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-17 0:17:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|