چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن
غولامجان ئەمەت
چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،
چۈشلىرىمدە سېنى بىركۆرەي.
ئويلىساملا سېنى ھەردائىم،
گۈلدەك بىلىپ قانغىچە كۆرەي.
چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،
چۈشلىرىمدە كۆرەي بىر سېنى.
خىيالىمدا پەقەت بىرلاسەن،
چۈشلىرىمدە كۈتىمەن سېنى.
چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن ،
چۈشلىرىمدە كۈتىمەن ھەرۋاق .
يۈرىكىمدىن ئىزدەيمەن سېنى،
پىچىرلايسەن چۈشىمدە ھەرۋاق.
چۈشلىرىمگە كىرىۋەر يارەن،
چۈشلىرىمدە قېنىپ بىركۆرەي.
نۇردەك سۈزۈك ئايدەك چېھرىڭگە،
چۈشلىرىمدە قانغۇچە سۆيەي.
139 قېتىم كۆرۈلدى | غولامجان ئەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-1 0:05:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|