پۇتۇلگەنمۇ تەقدىرىمگە تەنھالىق

‏پۇتۇلگەنمۇ تەقدىرىمگە تەنھالىق

 

‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

‏ ھەسرەت بىلەن مۇڭلۇرۇمنى تۆكەرمەن،

 ‏گۈل تۈۋىدە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ.

 ‏نە سەۋەپتىن بولدۇم دەرتكە مۇپتىلا،

‏ياتالماسمەن ئەلەم بىلەن تولغۇنۇپ.

 

‏ ‏تەنھالىققا خىياللىرىم مۇڭداش بوپ،

 ئۆتەر كۈنۈم ياشلىق گۈلۈم گوم بولۇپ.

 ‏باھار پەسلىم خازان بولۇپ كىتەرمۇ،

 ‏ھەر تىنىقىم تەنھالىققا جۆر بولۇپ. ‏

 

 ‏«پۈتۈلگەنمۇ دەغدىرىمگە تەنھالىق»؟

 ‏سوئال قويدۇم يۈرۈكۈمگە مۇڭلۇنۇپ.

 ‏جاۋاب بەردى سوئالىمغا يۈرۈكۈم،

 ‏«پورەكلىگىن تەدبىرىڭدە گۈل بولۇپ».

 

 ‏ ‏«تەدبىر دىگەن تەقدىرىڭنى بەلگىلەر،

‏ئۆتىۋەرمە تەقدىرىڭگە گول بولۇپ.

 ‏چىمەنلەردە خەندان ئۇرۇپ سايرىغان،

 ‏بۇلبۇل كەبى خوشال يايرا ھۆر بولۇپ».

 

‏ ‏2015-يىل16-ئاۋغۇست باي





201 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-21 22:30:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ