يارىم سېنى كۆرىۋالاي بىر قېتىم ،
ھىدلىرىڭنى پۇرىۋالاي بىر قېتىم .
مېنى تاشلاپ يىراقلارغا كەتسەڭمۇ ،
باغدا بىللە يۈرىۋالاي بىر قېتىم .
يار كۆڭلۈڭنى ئېلىۋالاي بىر قېتىم ،
قۇچۇغۇڭدا يېتىۋالاي بىر قېتىم .
ئەي نىگارىم سەن يېنىمدىن كەتكۈچە ،
باغرىمغا چىڭ بېسىۋالاي بىر قېتىم .
يار سۆزۈڭنى ئاڭلىۋالاي بىر قېتىم ،
سىرلىرىڭنى بىلىۋالاي بىر قېتىم .
ئەي دىلبىرىم ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى ،
يۈرىكىڭگە يېقىۋالاي بىر قېتىم .
سەندىن سوئال سورىۋالاي بىر قېتىم ،
ئوتلىرىڭدا كۆيىۋالاي بىر قېتىم .
قاچۇرمىغىن يۈزلىرىڭنى مېنىڭدىن ،
لەۋلىرىڭگە سۈيىۋالاي بىر قېتىم .
2015 يىلى 7ئاينىڭ 17كۈنى
(ئاقسۇ ئاۋات) ئۈندىدار 903592777
340 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-20 16:40:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|