پىغان كەچمىشى
ئارزۇيۇم بىرسەن بىلەن ئۆتمەك،
دائىم دەيتىم پەقەت شۇ سۆزنى،
پەرۋايىڭ يوق جاۋاپسىز قىلىپ،
ياشلىغاندىم نەچچە رەت كۆزنى.
كىتىپ قالدىڭ بىۋاپا يايرىم ،
كۆڭلۈم يېرىم شۇۋاقتىن بىرى،
قەيەرلەردە غەمسىز يۈرىيسەن،
خۇشالمۇسەن كەتكەندە نىرى.
نازۇك گۈلۈم سۇلدى ۋاقىتسىز،
كۆڭلۈمدە دەرت ئۆرلەر پىغانىم،
ئۈمۈتسىزلىك قاپلىغان مىنى،
بەرپات بولۇپ ئوتلۇق نىشانىم.
ئازاپ ئىچرە تۆكۈپ ئۈنسىز ياش ،
تەنھالىققا تاشلانغان شۇ چاغ،
ئەسلەرسەنمۇ كۈن ئۆتكەنسىرى،
بىللە سەيلە قىلغان ئاشۇ باغ.
گۈللەر ئارا كىپىنەك قوغلاپ،
بەكمۇ خۇشال بولغان ئەمەسمۇ ،
ساڭا بولغان چىن ساداقىتىم،
سۆيگۈمىزگە شاھىد ئەمەسمۇ؟
بەرپات قىلىش ئويىنى قىلىپ،
ئۆرتەنمەسمۇ سىنىڭ يۈرىكىڭ،
ۋىجدان بىلەن ئويلىساڭ ئەگەر،
مەن ئىدىمغۇ سىنىڭ يۆلىكىڭ.
گۈلجامال يولۋاس
2017.5.23 قەشقەر
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
63 قېتىم كۆرۈلدى | guljamal198 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-24 2:16:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|