سۆيگۈنۈم ئۈچۈن
...
جانىم دېدىم قەدرىڭىز قىلدىم،
جاندىن ئەزىز بىلگىنىم ئۈچۈن.
پەرھات كەبى ئاشىق يېتىلدىم،
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
...
بولدۇم تالاي دەرتكە مۇپتىلا،
دىيەلمىدىم لېكىن «بوپتۇلا!»،
كۈنلىرىمنىڭ ھەسرىتى تولا،
سىزنى دىلدىن سۆيگىنىم ئۈچۈن.
...
باغلىرىمدىن باھارىڭىزغا،
تەشنادۇرمەن دىدارىڭىزغا،
باققىنىم يوق باشقا بىر يارغا
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
...
بولدۇم كېپىنەك ئەمەس،
ۋەسلىڭىزدىن يات كېرەك ئەمەس،
ھېچ بىر گۈلگە قىلمىدىم ھەۋەس،
سىزنى دىلدىن سۆيگۈنۈم ئۈچۈن.
.. ..
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
67 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇنجان كامال ۋولقانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-30 23:29:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|