(ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىلتىجا )
1
ئۇيغۇر قىزى مەپتۇن قىلار ئاي يۈزۈڭ ،
ئاشىقلارنى خۇمار قىلار قوي كۆزۈڭ ،
ھەسەل كەبى تاتلىق قىلغان گەپ سۆزۈڭ ،
قىزىلگۈللەر ھەۋەس قىلغان نۇر ئۆزۈڭ ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى!
3
تاڭ قالىدۇ ئەخلاقىڭدىن بارچىسى ،
سەۋدايىدەك ئاشىق بولدى قانچىسى ،
ئاققان يېشىڭ خۇددى شەبنەم تامچىسى ،
سۇمبۇل چېچىڭ مىللتىڭنىڭ تاجىسى ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
4
جامالىڭغا ئاي ھەۋەستە قارايدۇ ،
قۇياشمۇ ھەم تاغ كەينىدىن مارايدۇ ،
بۇلبۇللارمۇ خەندان ئۇرۇپ سايرايدۇ ،
مەيىن شامال چاچلىرىڭنى تارايدۇ ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
5
ئۇزۇن چېچىڭ سىنىڭ ئەخلاق زىننىتىڭ ،
شۇنىڭ بىلەن بولغان قەدىر قىممىتىڭ ،
ئۆرۈم چاچلار بىزگە بەرگەن ھىممىتىڭ ،
ئشلىرىڭدىن سۆيۈنسۇن ھەم مىللىتىڭ ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
6
گۈزەللىكتە تاڭ قالدۇردۇڭ بارچىنى ،
سەن ئەخلاقنىڭ چاقناپ تۇرغان مارجىنى ،
تەقى -تۇرقۇڭ ئەسلىتىدۇ ئۇز ئارچىنى ،
يامان كۆزدە تۇتۇپ قالما قايچىنى ،
كەسمە ئاشۇ ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
7
قىزىلگۈلدەك ھۆسنۈڭگە بارچە قاراپ قانمىسۇن،
چىمەنلىكتە بۇلبۇللار سىنى كۈيلەپ سايرىسۇن،
ئەخلاقىڭدىن گۈل ئۈنسۇن، ئاتاڭ كۈلۈپ يايرىسۇن ،
يامان ئىشتىن يىراق بول ئاناڭ دەرتتە قالمىسۇن،
كەسمە بەرنا ئۇزۇن ئۆرۈم چېچىڭنى !
دىلزات ئابدۇماناپ
2015 . 6 . 17
175 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-29 3:51:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-29 4:34:58 | abdulla |
rozi sayit akimiznig aslidiki ..kisiwatma urum qiqigni namlik xeeriha tahlid kilniptu apirin likin uzigz ber tima yartg ber umur tahlid bilan xeer yazhili bolmaydu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|