ھىكمەت باردۇر ھەممە قايغۇ-شادلىقتا
مەۋلۇدە ئىسرائىل.
ئەزىزلىكتىن ئۈزمەڭ ئۆمۈد خارلىقتا،
قوشكېزەكلەر ئالمىشىدۇ ئارىلىقتا.
دەيدۇ شەيتان ئۈمىدسىزنى خەلقىمىز،
ئىشەنگەچكە رېئاللىققا بارلىققا.
ھېكمەت باردۇر ھەممە قايغۇ- شادلىقتا،
بىز تېتىغان ھەر بىر ئاچچىق- تاتلىقتا.
ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزسىز كىم يۆلەر؟
دوست قايغۇدا ،بەلكى دۈشمەنلەر كۈلەر.
ياقانى چەك، دىلنى پارە ئەتسىمۇ،
قايغۇ بىرلە ئويلاڭ نە بىر ئىش پۈتەر؟
ھېكمەت باردۇر ھەممە قايغۇ- شادلىقتا،
بىز تېتىغان ھەر بىر ئاچچىق- تاتلىقتا.
كۆپ يىغلىماڭ نى مۈشكۈللەر توزۇيدۇ،
ئامان بولساق كۆز ياشلار ھەم قۇرۇيدۇ.
زىمىستاننى ھەيدەپ ئاپتاپ چاچار نۇر،
قاراڭغۇ دىل شۇ چاغ يەنە يورۇيدۇ.
ھېكمەت باردۇر ھەممە قايغۇ-شادلىقتا،
بىز تېتىغان ھەر بىر ئاچچىق- تاتلىقتا.
ئۈستىڭىزگە ھەسرەتتىن چاڭ قوندۇرۇپ،
يۈرىۋەرمەڭ ئۆزىڭىزنى سۇندۇرۇپ.
سىناق ئىكەن كۈلپەت دېگەن ئىنسانغا،
غەيرەت بىلەن ياشاڭ كۈلۈپ- كۈلدۈرۈپ .
ھېكمەت باردۇر ھەممە قايغۇ -شادلىقتا،
بىز تېتىغان ھەر بىر ئاچچىق تاتلىقتا.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
62 قېتىم كۆرۈلدى | مەۋلۇدە ئىسرائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-24 17:53:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|