لەنەت ۋە تىلەك
ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر
تېنەپ يۈرۈپ بىر ئورمانغا كىرىپ قاپتىمەن،
ھاۋاسىدىن بىلمەي چوڭقۇر نەپەس ئاپتىمەن.
بېشىم قېيىپ نىمجان بولۇپ ھوشۇمغا كېلىپ،
چاڭقىغاچقا بىرتال ئالما تۇتۇپ ساپتىمەن.
يەرگە چۈشكەن بارچە مىۋە يەم بولۇپ قۇرتقا،
شاختىكىمۇ ئىچىدىنلا بۇزۇلغان ئىكەن.
ھەر پەسىلنىڭ قەدىرى بولماي ئۇشبۇ ئورماندا،
زىمىستانى ئەسىرلەرگە سوزۇلغان ئىكەن.
شاخلىرىمۇ ئالمىلاردىن ئەنسىرىمەس ئىمىش،
بۇ دۇنيادا ئۆزى تۇغۇپ مىڭ تولغاق يېمىش.
لەنەت بىلەن « بەزى» دېدىم ، شۇڭا ئۇنداقلار،
ئاناڭ بەرگەن ئاق سۈت ئەمەس ھايۋاننى ئېمىش.
ئەيىبلەرنى يېپىپ ئېيتىش ساۋابتۇر بەلكىم ،
قۇرۇق قالسام بوپتۇ ئۇنداق ئولۇغ ساۋابتىن.
ئاتالساممۇ مەن گۇناھكار،ئۆلگىچە شۇنداق،
ئۆز قىزىمنىڭ ئېغىزىدىن - چىققان جاۋابتىن.
ياشاش ئۈچۈن پەسكەشلىكتىن كۈننى ئۆتكۈزسە ،
قۇرتلار يېگەن ئالمىلاردەك بولمامدۇ قىزلار ؟
تەن بىرىپلا ھەممە ئىشقا كۆنسە مۇشۇنداق ،
ئۇرۇق سېسىپ بىخ سۈرۈشكە قالامدۇ ئىزلار ؟
تىللاش ئەمەس، زەبۇنلۇققا— لەنەت ئوقۇشتۇر،
كۆرۈپ تۇرۇپ كۆزنى يۇمساق— يالغان توقۇشتۇر.
ئويلىمامسەن، سەۋەب لازىم بولامدۇ ئۆلسەك؟
شۇنداق ئۆلسەك ھەقىقەتتىن— بەلكىم قورقۇشتۇر.
جاھان غېمى تۈگىمەسكەن ئەۋلادلا بولسا ،
يەنە بىر دەي: ئار- نۇمۇسقا، ھايا تىرەكتۇر.
ئۈمۈدۈم شۇ ئەجەل بىرلە كۆز يۇمساق بىر كۈن ،
پەرزەنتلەرگە ۋىجدان بىلەن ئىنساب
كېرەكتۇر.
سىمۋۇللار
ئورمانلىق - جەمىيەتىمىزدىكى ئىففەتسىز ، پەسكەشلىكنى دوست تۇتقانلارنىڭ دۇنياسى .
ھاۋا - ئەخلاقسىز قىلمىشلار.
ئالما - مىللىتىمىز ئايال- قىزلىرى .
ئالما ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۇرۇق چىقىدۇ، بۇ ئۇرۇق كىيىنچە دەرەخكىمۇ ئايلىندۇ. بۇ دەرەختە يەنە مىڭلارچە ئالما پىشىدۇ.
شاخلار - ئاتا - ئانىلار .
2017.5.26
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
48 قېتىم كۆرۈلدى | takdir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-28 15:37:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|