دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس
ئاياللار ئەزەلدىن ئانا ۋارىسى،
ئائىلە ئۇلارنىڭ يۈرەك پارىسى،
خوش بولۇپ ئۆتكىنىڭ ئۇنىڭ سايىسى،
سالدىڭ سەن ئۇنىڭغا يۈرەك يارىسى،
ۋاقىتسىز ئۈۈلدى ياشلىق تارىسى،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
قىز ۋاختى ئۆتەتتى ئويناپ خوش بولۇپ،
كۆڭۈل شاش يۇرەتتى شاتلىققىا تولۇپ،
يىگىتلەر كۆيەتتى يىراقتا تۇرۇپ،
تـوي قىلىپ پۇتىغا سالدى ئۇ قۇلۇپ،
ئۆتتى ئۇ قۇلۇپنى ئالالماي يۇلۇپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
قوناقنى تېرىسا بۇغداي ئۈنمەيدۇ،
بۇغۇ بىر ھەقىقەت ئۆزگەرتىلمەيدۇ،
ھەيرانمەن بەزىلەر بۇنى بىلمەيدۇ،
بۇيرۇق قىپ قىز تۇغماي ئوغۇل تۇغ دەيدۇ،
قىز تۇغسا نەچچە ئاي گەپمۇ قىلمايدۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
مەينەت دەپ تىللايدۇ كىرنى يۇمىسا،
ئۆيلەرنى توبالاپ سەھەر تۇرمىسا،
ئاياللار ماشىنا ئادەم بولمىسا،
كۈندىلا ئۆيدە بار سىرتتا قۇنمىسا،
خاپا بولۇپ قىز تۇغۇپ ئوغۇل تۇغمىسا،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
كىچىدە مەس كىرىپ خوتۇن قوپ دەيدۇ،
قۇساق ئاچ قازانغا ھالغىن چۆپ دەيدۇ،
قوپمىسا ئىلاجى يوق قۇربى يەتمەيدۇ،
مىڭ جاپا ئاش سالسا ئۇخلاپ يىمەيدۇ،
بۇنىڭغا كىمنىڭمۇ قۇساق كۆپمەيدۇ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
كۈن ئۆتەر بۇ ئەرنىڭ ھاراقلا ئىچىش،
مەس كىرسە بۇ ئۆيدە ئۇرۇش ۋە چېقىش،
خوتۇنغا ۋەزىپە تاياقلا يىيىش،
ھەيرانمەن مۇنۇ سۆز قۇرئاندا بارمىش،
خوتۇنغا ئېرىنىڭ تايىقى ھالالمىش،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
ماڭار ئۇ يەسلىگە بالا كۆتۈتۈپ،
ئىشلەيدۇ خىزمەتنى باشنى چۆكۈرۈپ،
ئىشتىن كەپ ئالدىراپ ئۆينى سۈپۈرۈپ،
ئەتسىمۇ تاماقنى چۈشتە يۈكۈنۈپ،
تىللايدۇ بۇ ئېشىڭ خام دەپ تۈكۈرۈپ،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
كۈن كۈنلۈپ بۇ ئەر يا ئۆيگە كىرمىسە،
ئاش ئەتسە بۇ ئېشىڭ خام دەپ يىمىسە،
نان ئالسا ناۋايدىن تېخى كۈنلىسە،
خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئاچاي دىمىسە،
بۇ دەرتنى جاھاندا ھىچكىم بىلمىسە،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
قېيىن ئاپا ئالىيىپ تۇرۇپ سىلكىشى،
يارىماس كىلىننىڭ قىلغان ھەر ئىشى،
ئېرىنىڭ قاپاقنى تۈرۈپ تىللىشى،
بالىنىڭ ئاپا دەپ ئىڭراپ يىغلىشى،
مازاق قىلىپ خورازنىڭ بالدۇر چىللىشى،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
جاپادا قېرىدى يۈزلەردە قۇرۇق،
دەپ ئۆتكەچ بىر ئۆمۈر" خوش ئېرىم قۇللۇق''
ئويلايدۇ ئۇ پەقەت ئەر دىگەن ئۇلۇق،
ئېرىنىڭ بەختىنى تىلەيدۇ يورۇق,
ئۇ بىلەر ھەممىدىن يامان دەپ تۇللۇق،
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
دىدىممەن ئاھ !خۇدا كۆردۈڭمۇ بۇنى؟
نىمىشقا ئايال قىپ ياراتتىڭ ئۇنى؟
ئۇيلاپ باق ئايالنىڭ تۆمۈرمۇ جېنى؟
بەندىلەر باراۋەر دىگىنىڭ قېنى؟
ئايالنىڭ ئوخشاشلا ئىسلامغۇ دىنى؟
دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس.
ئويلۇندۇم شۇ ئەرلەر خوتۇن بوپ قالسا،
ئىشتىن كەپ كىچىدە سەي قۇرۇپ باقسا،
ھەر شەنبە بىر دۆۋە كىر يۇيۇپ باقسا،
تۇققۇز ئاي قۇساقنى كۆتۈرۈپ باقسا،
ئىنجىقلاپ جاپادا بىر تۇغۇپ باقسا،
شۇ چاغدا دەيتتى ئۇ خوتۇن بولماق تەس.
3554 قېتىم كۆرۈلدى |
|
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-8-20 1:09:39 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-18 19:12:53 |
haseyat |
bak .yak xi yezip tu maz mun bak mol ikan |
2017-1-12 18:00:51 |
تۇرسۇن غۇپۇر (ئويغان ) |
قوللىغان دوستلارغا كۆپ رەھمەت . "نەزەر" بەك توغرا پىكىر بېرىپتۇ بۇ شېردا ئەدەبى تىل كام قارا تىل بىلەن يېزىلغان چۈنكى مەن شائىر ئەمەس بەلكى بىر ھەۋەسكار خالاس خوتۇن بولماق تەس ئەسلى 17 كوپلېت سالونغا ئەۋەتكۈچى 5 كوپلېتنى قىسقارتىۋېتىپتۇ ئەسلى يېزىلغان ۋاقتى 1998يىلى . 2001-يىلى رېستۇراندا ئوقۇغان 2002-يىلى توردا ئېلان قىلغان بۇ شېئىرنى جىق سالونغا ئەۋەتىپ كەتتى بۇنىڭدىن مەن بەك خوش لېكىن بىرەرسى ئاپتورنىڭ ئىسمى بىلەن ئەۋەتمەيدۇ بۇنۇڭدىن كۆڭلۈم يېرىم .....دوسلار باشقىلارنىڭ قەلىمى ۋە ئەجىرگە ھۆرمەت قىلايلى |
2016-12-15 18:35:43 |
باغۋەن |
ئايالىنى قەدىرلىمىگەن ئادەمنى دۇنيا قەدىرلىمەيدۇ . |
2016-12-14 12:46:34 |
mu ta li p |
bak.payzi.yizptu |
2016-10-5 14:32:55 |
مەمەتئەلى |
بەك ئىسىل يىزلىپتۇ ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەرت كەلمىسۇن تېخىمۇ تىرىشقايسىز |
2016-2-25 0:09:15 |
gulum |
bak yahxi yizliptu |
2016-2-25 0:06:24 |
gulum |
bak yahxi yiziliptu rahmat |
2016-1-9 12:24:52 |
شەھرزات |
بەك ياخشى يىزىپسىز.ئەرلەر ياخشىراق ئوقۇپ بىقىڭلار.ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى قىپ قويۇڭلا.چۈنكى سىلەنىمۇ شۇنداق ئاياللا تۇققان . |
2016-1-6 19:45:07 |
kiqak |
dunyada rasla hotun bolmak hammidn tas arla yahxi okup baksa bolgudak rahmat szga a |
2015-12-30 7:20:10 |
nezer |
تىلىغا يەنە ئازراق ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك |
2015-10-2 20:06:20 |
ayxamgul |
xangku.kaygan.kizla.digan.asar.nahayti.yahxi.yezliptu.tehimu.yahxi.asar.yezxinglarga.tilakdaxman |
2015-9-21 20:20:59 |
ئىلمىنۇر |
ئاپتۇرنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن،ئاياللارنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ئادەم باركەن، ئەرلەر بىر ئوقوپ باقسا بولغىدەك،ئاپتۇر رەخمەت سىزگە.مۇشۇنداق ئايالارغا ئائىت ئەسەرلەرنى تىخىمۇ كۆپلەپ يىزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن |
2015-9-20 9:48:22 |
Nursemangul |
Bak yahxe yezeptu muxundah asarlar daem yezelep tursum aptorha rahmat |
2015-9-20 0:22:20 |
توختوغۇجى |
ماﯕﺎبەك تەﺳﯩر ﻛﯩﻠﺪى |
2015-9-12 20:37:44 |
almera |
maga atap yazgandakla hes kep kaldem bez ayallar nemanqa ajez
|
2015-9-9 13:40:09 |
ategul |
bak yahxe yezeptu man bakla yahturdum |
2015-9-8 18:04:50 |
muslima |
BAk yahxi BAK togra GAP boptu bu arlar ukup oylunup bahsa bolgudak qvnki ularnigmu kizi kiyin hutun kilin bolidu amas mu |
2015-9-5 11:25:47 |
bahadir |
yahxi yezipsiz tehmu yahxi asarlani yzxingizga tilakdaxman |
2015-9-1 15:00:39 |
malikay |
bak yahxi yiziliptu |
2015-8-21 21:52:30 |
تۇرسۇن چەرچەن |
ﺎﭘﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺩﺓﺭﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭙ |
2015-8-21 1:03:29 |
erxat |
bak esil yeziliptu . amal yok .bu xeirga gap katmaydu .xeiriyatning sehri kuqini tunuttingiz . |
2015-8-20 12:48:39 |
ئىپارگۈل |
ئاپتورنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن،بەك ياخشى يېزىلىپتۇ |
ئىنكاس يېزىڭ