ئەنجۈر
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ،
قۇرغاق بولغاچ ھاۋاسى،
ئىشچان خەلق ئەجرىدە،
ئوخشاپ كېتەر ئەنجۈرى.
كەلسە مېھمان يۇرتۇمغا،
سورىشىدۇ ئەنجۈرنى،
قاچان پىشار،دەپ سوراپ،
ئېقىپ چۈشەر شۆلگىيى.
پىشىپ قالسا ئەنجۈرلەر،
خۇشپىراقلىق ھېد چاچار،
يىگۈسىنى كەلتۈرۈپ،
بىزنى قىلار ئىنتىزار.
مەرى ئىسسىق ئەنجۈرلەر،
زادى قاچان پىشارسەن،
مېھمانلارنى خۇش قىلىپ،
تىللىرىنى يارارسەن.
پىشىپ قالسا ئەنجۈرلەر،
ئۈزۈپ قويما شېخىدىن،
مېھمان كىرىپ بېغىڭغا،
ئۈزۈپ يىسۇن ئۆزىدىن.
ئەنجۈر شېرىن مېۋىدۇر،
كىلۇر ھەممە يىگۈسى،
مەي باغلىسا ناۋادا،
تىلنى چوقۇم يارغۇسى.
تېزرەك پىشقىن ئەنجۈرلەر،
تاقەت بولدى كۆزىمىز،
ئۆزۈپ ئەنجۈر شېخېڭدىن،
مېھمانلارغا سۇنىمىز.
ئىشتىھادا زوقلۇنۇپ،
يىيىشكەندە مېھمانلار،
خۇشال بولۇپ،زوقلىنىپ،
ئەجرىمىزدىن سۆينىمىز.
كاپ-كاپ يۈتۈپ بىر نەچچە،
ھوزۇرلانسا مېھمانلار،
ئاتۇش خەلقى خوش بولۇپ،
دىلدا قالماس ئارمانلار.
سالام بولسۇن سىزلەرگە،
ئەنجۈر پىشسا كېلىڭلار،
خەلقىمىزنىڭ ئەجرىدىن،
بىرگە ھوزۇر ئېلىڭلار.
يۇرتىمىزنىڭ ئەنجۈرى،
مىۋېلەرنىڭ شاھىدۇر،
تېتىپ باققان كىشىلەر،
تائەبەتكە رازىدۇر.
شۇنچە شېرىن ھەم تاتلىق،
ئېغىز تېگىڭ پىشقاندا،
ئىشچان ئاتۇش خەلقىنىڭ،
قوينى ئېللىق ھەر چاغدا.
مېھمان-دوستلۇق ئادىتى،
پۈتۈن دۇنيا تارالغان،
كېلىپ كېتىڭ يۇرتۇمغا،
ئەنجۈر داڭقى راست چىققان.
66 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-21 21:49:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|