تىنچلىق شۇئارى
تىنچلىققا تەشنادۇر دۇنيا
تىنچلىقنىڭ ئۆزىدۇر بەخت
تىنچلىققا تەشنا ھەر ئىنسان
تىنچلىقنىڭ ئۆزىدۇر تەخت
تىنچلققا مۇھتاجدۇر ھەر ئەل
تىنچلىقتا بولۇر بارىڭ تەل
ئانايۇرتۇڭ تىنچلىقتا بولسا
بەخت ئامەت بولۇر ساڭا ئەل
يىمەك-ئىچمەك تىنچلىقتا ھوزۇر
ۋە شۇنداقلا كىيمىكىڭ پۇزۇر
ئاسايىشلىق تىنچلىقىڭ بىلەن
ھەممە ياشار مەغرۇر بەھوزۇر
تىنچلقسىز ئاقماس تىجارەت
ھوزۇرسىزدۇر قىلغان ساياھەت
مال دۇنيارىڭ تىشىپ تۇرسىمۇ
تۇرمۇشۇڭدا بولماس پاراغەت
تىنچلىق يوق دىل ئارامىڭ يوق
تەن جېنىڭمۇ بولماس سالامەت
بارچە خەلق شۇئارى تىنچلىق!
ھەي «ئەسەبىي» قىلما مالامەت!
ئۇيغۇرلۇققا يەتكۈزۈپ نۇقسان
«دىن ئىسلام»غا قىلدىڭ ھاقارەت
ئەل ئىچىنى تەشۋىشكە سېلىپ
قانچىلىكتى سەندە كارامەت…
تىنچلىقنى بۇزمىغىن «ھەر كۈچ»!
ئەلدە باردۇر ئىتتىپاقلىق كۈچ!
پارتىيە ھەم خەلقىمىز بىلەن
شۇئارىمىز «دۈشمەن كەلسە دۈچ»!
تاھىر جاپپار «ئۆگدۈلمىش»
جىڭ ناھىيىلىك سۇ ئىشىلىرى باشقارمىسىدىن
2017-يىل6-ئاينىڭ10-كۈنى سەھەر
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
27 قېتىم كۆرۈلدى | تاھىر جاپپار ئۆگدۈلمىش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-17 22:58:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|