مودا قىز
چاچلىرىڭنى بويىتىۋاپسەن ئۆزەڭچە،
دەپسەن تېخى ياراشتى بۇ ئۆزگىچە ،
ياراتمايسەن بەزەنلەرنى سۆزەڭچە،
زەئىپلەرگە باشچى بولغان مودا قىز.
كۆينەكلىرىڭ يەتمەپتىغۇ تىزىڭغا،
نامەتلەرمۇ چۈشتى سېنىڭ ئىزىڭغا،
تەپتارتماستىن چاقىرىسەن يېنىڭغا،
ئار-نۇمۇسنى قايرىۋەتكەن مودا قىز.
چاقچاقلىرىڭ،كۈلۈشلەرىڭ تېتىقسىز،
قىلىقلىرىڭ ئەمما شۇنچە قىلىقسىز،
يۈرۈشلەرىڭ شۇنچىلىك بىر ھاياسىز،
ئۆزلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن مودا قىز.
ئۈگۈنىپسەن ئاق تاماكا چېكىشنى،
سورۇنلاردا ئاق ھاراقنى ئىچىشنى،
كوچىلاردا مەس بولۇپمۇ يېتىشنى،
ئاقىۋەتنى ئويلىمىغان مودا قىز.
ئاققۇزۇپسەن ئاتا-ئاناڭ يىشىنى،
كۆزگە ئىلماي ئۇلاريىگەن ئېشىنى،
بولدى ئەمدى بوزەك ئەتمە ئۇلارنى،
ئۇلار سېنىڭ ئەزىزىڭدۇر مودا قىز.
مودا ئەمەس ئېسىل كىيىم كىيىشىڭ،
مودا ئەمەس قىممەت تاماق يىيىشىڭ،
مودا ئەمەس ئىچىپ چېكىپ يۈرۈشىڭ،
ئويلاپ كۆرگۈن كەلگۈسىڭنى مودا قىز.
ئۇنۇتتۇڭمۇ ئۇيغۇرىڭنىڭ ۋەسلىنى،
تاپقىن ئەمدى ئۇيغۇرىڭنىڭ ئەسلىنى،
تۆكمىگىن سەن ئۇيغۇرىڭنىڭ يۈزىنى،
توختاتقىن ھەي مودېلىقنى مودا قىز.
ھايات♡يولۇم 2015.6.14
ئەسكەرتىش بۇ شېئىرنى مۇشۇ يولدىكى شۇنداق قىزلار ئۈچۈن يازدىم،خاتا ئويدا بولۇپ قالماسلىقڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن! ئۈندىدار SaMii0909
267 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-10 2:01:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|