يېزىپ قوي سىغىنساڭ بىر كۇپلىت شېئىر
ئەلچى
يىزىپ قوي سىغىنساڭ بىر كۇپلىت شېئىر،
شائىردەك ئەڭ تاتلىق ھىسلارغا چۆمۈپ.
زىرىكىش بولمايدۇ خىيالىرىڭدا،
يۈرگەچكە بىر قىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ.
سىزىپ قوي سىغىنساڭ بىر پارچە شېئىر ،
رەسسامدەك تەسەۋۋۇر قىتىغا مۆكۈپ.
ھاياتنىڭ مەنىسى مۇھەببەت ئۇچۇن،
تەتتە خىل رەڭلەرگە بىر قىزنى كۆمۇپ.
ئويۇپ قوي سىغىنساڭ ھەيكەل تاراشتەك،
سۈپسۈزۈك تاشلارغا يارنىڭ ئەكسىنى.
تۇرسىمۇ ئۇ قاراپ ئۇنسىز رەۋىشتە،
ئىيتىپ بەر ئۇنىڭغا قەلىب سۆزىڭنى.
ئوقۇپ سىغىنساڭ تۈگىمەس ناخشا،
كۈيۈڭدە ئويغىنىپ كەتسۇن چۇشلىرىڭ.
سۆيۈشنى ئۆگەنگەن ئۇزۇن كوچىدا،
ياتىدۇ بىر مەھەل سىنىڭ ياشلىقىڭ.
2014-يىلى 9- ئاينىڭ 27-كۇنى قەشقەر
195 قېتىم كۆرۈلدى | ئادىل ئەلچى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-11 18:37:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|