سۆيگۈ قىسمىتى
قىينايدۇ پىراق ،
يوللۇرۇم يىراق.
يىغلايدۇ يۈرەك،
توختىماس بىراق.
كەتكەنلەر كەتتى،
كەلگەنلەر كەتتى.
ئاھۇ-نالىلەر،
پەلەككە يەتتى.
ئېسىلدىڭ شۇنچە،
بولما ئۆتكۈنچە.
ئۈزەلمەي ئاينى،
سولاشتىڭ غۇنچە.
يۈرەكلەر پارە،
ۋەسلىڭدە يارە.
يوقمىدۇ جانىم،
دىدارغا چارە.
كۈلدۈرسەم دەيتتىم،
غېمىڭنى يەيتتىم.
يىغلاتتىم بىراق،
ئەكسىنى ئەتتىم.
تەغدىر شۇمىدۇ،
رىزىق شۇمىدۇ.
ۋىسالغا يەتمەك،
شۇنچە تەسمىدۇ.
كۈتۈشكە رازى،
كۈنۈشكە رازى.
ئىشىق ئوتىدا،
كۈيۈشكە رازى.
چىقتى بورانلار،
توزۇپ توزانلار.
ئۆتتى ئادەملەر،
سېلىپ چوقانلار.
نەپرەت گاھىدا،
ئىشىق گاھىدا.
قاتىلمەن يارىم،
سۆيگۈم ئالدىدا.
ئالدى ۋە ئارقى،
ماڭدىم ھەرۋاقى.
بىراق بۇ كۆڭۈل،
ساڭىلا باقى.
ئويلىسام ئۆتمۈش،
بولدى ئۆرتۈنۈش.
كەتتى ھەممىسى،
قالدى ئۆكۈنۈش.
بۈگۈنگە قاردىم،
ئازابتا ھاردىم.
سۆيدۈم سۆيىمەن،
ئوتلاردا كۆيدم.
ئەتە قاراڭغۇ،
يۈرەك قېتراڭغۇ.
تېنىمدا جان يوق،
چىراي تاتراڭغۇ.
بىراق بىر ئوت بار،
ئۆچمىگەن زىنھار.
كەزدىم جاھاننى،
سەنسىز ماڭا تار.
سېغىندم سېنى،
يات ئەتكىن مېنى .
ئەسلەپتۇر جانىم،
ساراڭ ئاشىقنى.
تىلىكىم شۇدۇر ،
ياشا بەھۇزۇر .
نېسپ بولغىيدى،
ئالەمچە ھوزۇر.
ئامان بول يارىم،
سەن دىل ئارامىم.
خۇشال كۈلەتتىم،
يەتسەم ئارمانىم .
- ياپراق
206 قېتىم كۆرۈلدى | yapraq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-30 20:14:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|