مۇز تۇتقان يۈرەك
ئابدۇرسۇل ئەزىز
يۈرىكىمگە خەنجەر سالدىڭ سەن،
ئازاپ دەستىدىن يېرىلدى دىلىم.
نىگار ۋەسلىدىن ئايرىلغاچ مەڭگۈ،
ئاشىق ناخشىسى ئېيتالماي تېلىم.
مۇزلاپ كەتتى بارچە ۋۇجۇدۇم،
تېشىمدا ئوت،ئىچىمدا مۇز تاغ.
نەپرەت كۆزۈم ئالدىمنى توستى،
ۋەيران قىلىپ كەتكەندە گۈل باغ.
جىمجىت قۇلۇم تۇيۇقسىز تىترەپ،
ئەسلەپ سىنى تۇتقان قۇلۇمدىن .
كۆرۈپ قالغاچ سىنى يات بىلەن ،
توختاپ قالدىم ماڭغان يولۇمدىن.
153 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:43:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-11 0:57:03 | RuSul |
كەمىنە ئابدۇرسۇل ئەزىزدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام…تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر ئەزىز قېرىنداشلىرىم … |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|