نىيەتنىڭ ئۇرۇقى سۆيگۈ

‏نىيەتنىڭ ئۇرۇقى سۆيگۈ

 

‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ساخاۋەت ھەۋىسىڭ بولغاچ ۋۇجۇتتا،

 ‏ۋاپا ئويغانغانتى قەلبىڭدە قۇتقا.

‏نىيىتىڭ رۇسلىماق بولغاچ ئارزۇيۇڭ،

 ‏مىھىرلەر ئولغايغان يۈرەكتە يۇرتقا.

 

 ‏ ‏ھاياتلىق سەپىرى بولغاچ قۇنالغۇ،

 ‏نىيەتنىڭ ئۇرۇقى مىھىردۇر سۆيگۈ.

 ‏ساخاۋەت كۆكىدە قىلماقلىق پەرۋاز،

 ‏قەلبىڭدە كۆكلىگەن بۈيۈك ئارزۇ.

 

‏ ‏مىسكن دىللارنى ياشنىتىپ ھەردەم،

 ‏ئاپتاپتەك مىھىرگە پۈركۈدۈڭ ئۇنى.

 ‏بىر زەررە مىھىردىن چاقنىغاچ دۇنيا،

 ‏مىڭ زەررە مىھرىگە چۆمدۈردى سىنى.

 

 ‏ ‏2015-يىلى26-ئاۋغۇست باي





142 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-26 23:22:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ