يۈرۈگۈم سۆزلەر
تالاي بەزلەپ ئىرىمەس بۇ قاتقان يۈرەكنى ،
قايتا يېرىپ سۆيگەنىدىم قەلبىمنى بېرىپ .
ئىشەندۈرگەن بارار مەنزىل باھار بولۇر دەپ ،
ئەپسۇس قالدۇق يەنە بىررەت زىمىستان كېزىپ !
شۇندا بىلدىم تەغدىرىمنىڭ بىرەر جاۋابى ،
كۈتكىنىمنى ھاياتىمغا قىلـماسكەن نىسىپ .
ئاچچىق ئەلەم خاتىمىسى ھەربىر قەدەمنىڭ ،
شۇ ئەلەمدە پۇچۇلنارمەن پىنھانغا كېتىپ !
ئىيىتتى شۇدەم يۈرەك ماڭا ئاستا پىچىرلاپ :
چارچاپ قالدىم ئەمدى ساڭا بولـمايمەن ھەمرا .
سەن كېتىۋەر قالاي ئۈزۈم تەنھا پىنھاندا ،
قايتا بىررەت ئىشكىم قېقىپ چاقىرما ئەسلا !
توغرا يۈرەك سۆزلىرىمگە ئىشەنمەس بولدى ،
خاتا باققان كۆزلىرىمگە ئىشەنمەس بولدى .
بىلىپ ئەۋزەل پىنھانىدا يالغۇز قىلىشنى ،
جىسمىم بىرگە جاھان كەزمەك خالىماس بولدى !
ـئۇيغۇرقۇت 13 2015/9/8
172 قېتىم كۆرۈلدى | ئۇيغۇرقۇت 13 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 11:34:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|