يىگانە ياپراق
ئانارگۈل
غىرىپ يامانغا قۇل قىلىنغاندا،
تەنھا روھىڭ جانسىز قالغاندا.
تىرىك جىسمىڭ زىمىنغا يۈكتەك،
ئايان بولۇرسەن كۈيسىز قالغاندا.
ئۆچكەن پەزىلەت ئۈنسىز يانغاندا،
توزىغان ياپراق كۆككە ئۇچقاندا.
چىشلەم نانغا زار يىتىمغا ئوخشاش،
تىلسىز قالۇرسەن غەمگە پاتقاندا.
ياۋا ئىستەكلەر سۆيۈپ ئۆتكەندە،
شادىمان كۈلكەڭ تىزلا ئۆچكەندە.
ئەمەستۇر كۆز ياش ئاقىلغا جاۋاپ ،
قەلىب دەرۋىشىڭ سۈكۈتكە چۆمگەندە.
دەرتكە جۆر بولۇپ قەدەھ تۇتقاندا،
چىقىلغان شىشە نەغمە چالغاندا.
ئاڭلايسەن ئاڭا پەرىلەر ئۈنى،
زىمىنغا يانداش تويۇڭ بولغاندا.
تەھرىرلىگۇچى: ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۇندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۇندىدار:2041420589
13 قېتىم كۆرۈلدى | ئانارگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-2 20:43:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|