چانغانلارغا يول بېرىڭ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ۋۇجۇدىڭدا مۇھەببەتلەر ئۇرغۇسۇن ،
خىياللىرىڭ ئىللىقلىقنى ئويلىسۇن ،
يامانلىقتىن ئاپەت كېلۇر ، بۇنى بىل ،
دوستلار دىلى ، ئازاپلاشلار بولمىسۇن .
ۋاپادار بول ، كويلىمىغىن ئورىلار ،
يېنىپ قالسا ، ئىزدىمىگىن دورىلار ،
ھاياتلىقىڭ بەكمۇ چەكلىك ، بۇنى بىل ؟
ھامان بىر كۈن ، ھەممە سۇراق سورىلار .
ھامان كېتەر ، تەشۋىشلەنمە ، يالۋۇرما ،
كەتكەنلەرمۇ قايتىپ كىلەر ، چاندۇرما ،
يالاڭ ئاياغ قالمايمىزغۇ ، بۇنى بىل ؟
تۇرمۇش گاھى ئاچچىق - چۈچۈك ، قايغۇرما .
ئۇنتۇپ كەتمە ئۆتمىشىڭنى ، شۇنچە تىز ،
بويىۋالما يۈزلىرىڭنى كۆرۈمسىز ،
مېھىر - مۇھەببەت بەك مۇھىمدۇر ، بۇنى بىل ؟
تۈزۈك ياشا ، ئادىمىيلىك بىلىڭ سىز .
ئۇرۇق - تۇغقان ۋاپادارلىق ئويلىغىن ،
دوستلىرىڭنى ئىزلەپ تۇرغىن ، چانمىغىن ،
ئېزىپ قالما دوقمۇشلاردا ، بۇنى بىل ؟
ھەقنى كۆرگىن ، كۆزى كوردىن بولمىغىن .
ئەردەك ياشا ، ناكەسلەردىن بولمىغىن ،
بىراۋلارغا قاپقان - توزاق قۇرمىغىن ،
قۇياش يەنە چىقىدىغۇ ، بۇنى بىل ؟
بىر كۈن يەنە ، چۆلدە يىغلاپ تۇرمىغىن .
بولما ئاچچىق ، تۈگەيدىغۇ دەردۇلەر ،
كۈلۈپ ياشا ، قىلىپ ئىززەت قەدىرلەر ،
بىلسە كاشكى سۆيەر ئىدى ، بۇنى بىل ؟
سۆيەلمەيدۇ ، مېھىرسىزدۇر بەزىلەر .
بوپتۇ دېگىن ، ئازغانلارغا يول بېرىڭ ،
ئەقىدىلەر خار قىلىنسا ، يول بېرىڭ ،
ۋېجدان يوقتۇر بەزىلەردە ، بۇنى بىل ؟
چىقىپ كەتسۇن يۈرەگىڭدىن ، يول بېرىڭ .
ئازاپلانماڭ ، كەچكەنلەرگە يول بېرىڭ ،
ھايات شۇنداق ، بىلمەسلەرگە يول بېرىڭ ،
مۇھەببەتنى بىلمەيدىغۇ ، بۇنى بىل ؟
كۈلۈپ قويۇپ ، چانغانلارغا يول بېرىڭ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
28 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:15:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|