كۆنۈكمەن دۇنيا
مېھرىئاي توختىروزى (نازاكەت)
ماتىمىڭنى راسمىكىن دەيمەن ،
كۈلۈشلىرىڭ يالغاندەك گويا .
يازدا ياغار ئاپئاق قارلىرىڭ ،
سىنىقىڭغا كۆنۈكمەن دۇنيا .
پەرق قىلماس بولدۇق ھايۋاندىن.
ئادەملەردە يوق ئىنساپ-ۋاپا .
كۆزلىرىمگە تىكىلىپ ئېيتقان ،
يالغىنىڭغا كۆنۈكمەن دۇنيا .
چايانلارنى چاقىدۇ بەندە ،
مېھىرلەردىن يوق قىلچە زىيا .
دوستۇڭ مەن دەپ خەنجەرلەر ئۇرغان،
خىرىسىڭغا كۆنۈكمەن دۇنيا .
بوستانلىق دەپ چۆلگە باشلىغان ،
چۆللا ئەمەس ئىكەن تىك قىيا ،
ھەسەل بۇ دەپ زەھەر يىگۈزگەن ،
قەستلىرىڭگە كۆنۈكمەن دۇنيا .
2014-1-14
90 قېتىم كۆرۈلدى | nazakat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-6 10:17:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|