دەپ باققىنە
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
قىيا بېقىپ كۈلۈشلىرىڭ ئوماققىنە ،
يۈرەك يېقىپ ئەي گۈزەل قىز كەپ باققىنە .
قېينالدىمغۇ ئوتلىرىڭدا نە بىلمەيسەن ،
ناخشاڭ ئېيتىپ كىلەلەمسەن دەپ باققىنە .
قەلبىم پەقەت سىزگىلا لال ئەي گۈزەل قىز ،
ئۆلمەي دەرتدە كۈيىڭگىلا زار بىغەم قىز .
ئېشىۋالماي قوينۇڭ ئاچقىن نە بىلمەيسەن ،
قەسىرلەردە يۈرمە تەنھا كەل لېۋەن قىز .
مۇڭغا تولۇپ پىراق چاچساڭ دىلىم يايرار ،
خۇشال بولۇپ چىراق ياقساڭ تىلىم سايرار .
قەدىرلىمەي ئەقىدەمنى نە بىلمەيسەن ،
ئوتۇڭنى سېلىپ يېراق قاچساڭ قىلاي زار .
ئەقىدەمدە پەرۋېش قىلىپ سۇناي گۈللەر ،
ھەسرەتلەردە دەرۋىش بولۇپ باراي چۆللەر .
قىرانلىقتا قىلماڭ ئازاپ نە بىلمەيسەن ،
قەدەملەردە كەچمىش تولۇپ يازاي كۈيلەر .
( بىر دوستۇم تىلىدىن )
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
110 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-17 1:57:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|