مۇبارەكلەي بايرىمىڭنى سۆيۈملۈك قوزام
(بارلىق بالىلارنىڭ بالىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن )
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
مۇبارەكلەي بايرىمىڭنى سۆيۈملۈك قوزام ،
سەن بولغاچقا كۆرەلىدىم ، بايرامنى قوزام ،
نە زامانلار بوۋاڭ بىلەن كۈلگەنغۇ مەنمۇ ،
بۈگۈن بايرام ، كۈلۈڭ قوزام ، باغرىمسەن قوزام .
بۈگۈن بايرام ، كۈلۈڭ قوزام ، باغرىمسەن قوزام ،
پۈتكۈل دۇنيا شاتلىقلارغا تولدىغۇ قوزام ،
ئارزۇلايمەن تېمەنلىكىڭ ، بەختىڭ سېنىڭكى ،
دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئوينىغىن قوزام .
دوستلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئوينىغىن قوزام ،
مەرىپەتنىڭ بۇلاقىدا پارلىغىن قوزام ،
ۋەتەن قوينى بەكمۇ ئىللىق ، ھارماي ئۆگەنگىن ،
جاسارەتلىك بولۇپ ھەر چاغ ، پەرۋاز قىل قوزام .
جاسارەتلىك بولۇپ ھەر چاغ ، پەرۋاز قىل قوزام ،
مەشئەللەرنىڭ يالقۇنىدا ، نۇرلانغىن قوزام ،
تېرىش - تېرماش ، بىلىم ئالغىن ، ھارمىغىن مەڭگۈ ،
ئەجدادلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام .
ئەجدادلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام ،
ئۇستازلارنىڭ قان تەرىنى ئۇنۇتما قوزام ،
ئەدەب - ئەخلاق بىلىپ ياشا ، ھەرگىز ئازمىغىن ،
پەزىلەتلىك ئادەم بولغىن ، راستچىل بول قوزام .
پەزىلەتلىك ئادەم بولغىن ، راستچىل بول قوزام ،
مېھىرلىك بول ، قۇياشلاردەك نۇر چاچقىن قوزام ،
ۋاپادارلىق يىلتىلدۈرۈپ ، بولغىن ياراملىق ،
ياخشى ئوقۇپ ، بولۇپ ئەزمەت ، سايرىغىن قوزام .
ياخشى ئوقۇپ ، بولۇپ ئەزمەت ، سايرىغىن قوزام ،
غەيرەت قىلىپ ، ئاي شارىغا قونغىن جان قوزام ،
ئۇنۇتمىغىن بايرىمىڭنى بوۋاڭدەك مەڭگۈ ،
تاۋلاپ ئەقىل ، دۇلدۇل ئاتتەك يورغىلىغىن قوزام .
تاۋلاپ ئەقىل ، دۇلدۇل ئاتتەك يورغىلىغىن قوزام ،
ئاتىلارنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغىن قوزام ،
ئىللىقلىقنى قەدىرلىگىن ، سۆيگىن ۋەتەننى ،
بايرىمىڭنى تائەبەتكە ئۇنۇتما قوزام .
بايرىمىڭنى تائەبەتكە ئۇنۇتما قوزام ،
ئەۋلادلارغا شانلىق ئىزلار قالدۇرغىن قوزام ،
تەبرىكلەيمەن بايرىمىڭنى يەنە بىر قېتىم ،
خۇشال سايراپ ، مەڭگۈ يايراپ ، ياشىغىن قوزام .
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۇندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۇندىدار : 2041420589
16 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 11:34:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|