نىقابلىق دۇنيا
سەپسالسام جاھاننىڭ رەپتارلىرىغا،
بارئىكەن رەڭگارەڭ ئىنسانلار ئەسلى.
نىقابلاپ ئۆزىنى كۆرسىتەر فارفۇر،
ئىچىگە قارىساڭ خام كوزا ئەسلى.
***************
مىڭ ئەپسۇس ئادەم بوپ يارالغىنىغا،
تۇرۇشى ئادەم بوپ قارالغىنىغا.
نەسلىگە يۇقسا گەر شۇ يامان ئىللەت،
ئاللاھىم رازىمۇ ياراتقىنىغا.
*************
”ھەقنى ھەق دەيمەن “دەپ چوڭ چوڭ سۆزلەيدۇ،
قىلغىنى ”ھەق “كە ھېچ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
ۋىجدانى غورۇرى بولسا ئەگەردە،
ھەر قەدەم ھەر ئىشتا ھەقنى كۆزلەيدۇ.
قەلبىنۇر بەكرى ئايزوق
137 قېتىم كۆرۈلدى | kalbnuri | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 11:15:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|