بىزگە تېنچ دەۋران كېرەك
مۇھەممەدتوختى سەببەت
ۋەتىنىم ئىللىق ماكانغا،ئەل سۆيەر ئوغلان كېرەك،
ساددا،ئاقكۆڭۈل ئاۋامغا ،تېنچ-ئىناق ماكان كېرەك.
تارقىتىپ بەدبۇي ھاۋا ھەردەم كۆڭۈلنى غەش قىلىپ،
سېسىتىپ يۈرگەننى گۇم قىلماققا ئوت -ۋولقان كېرەك!
ئىتتىپاقلىق،تېنچ ئىناقلىق بىز ئۈچۈن جاندىن مۇھىم،
جانپىدالىق كۆرسىتەرگە ساپ نىيەت،ۋىجدان كېرەك!
بىرمىسال: يۇرتنى بوران يۇتماقچى بولسا قەھرىدە،
ئۇنى كۆكرەكتە توسۇشقا سۇۋادان ئورمان كېرەك!
ئەل ۋەتەن بەختى ئۈچۈن مىڭ ۋەدە قىلغىنىڭ بىكار،
كۆرسىتىشكە ھەم ئەمەلدە پەم كېرەك،دەرمان كېرەك!
بولسا جۇدۇن قەھرىتاندا،ئاچ زېرىن قالغاي يېتىم،
مۇزلىغان تەنگە ئۈمىدنى ياققۇچى گۈلخان كېرەك.
توپ قوشۇن مۇھتاج ھامان بىر دانىشمەن يولباشچىغا،
شان ئۇتۇق قۇچماق ئۈچۈن يولباشچىدىن پەرمان كېرەك!
ھېچ سەۋەبسىز بولمىغاي تەقدىردە پۈتكەن ئىشمۇ ھەم،
يەتمەك ئۈچۈن مەنزىلىڭگە،دىت كېرەك،ئارمان كېرەك!
خىتابىمدۇر : شۇم نىيەت تاپسۇن زاۋال ئەل بەختىگە،
بىزگە تېنچلىق ھەم ئاسايىش بەخش ئېتەر دەۋران كېرەك!
2017-5-31
مۇھەررىرى:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى.
54 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 18:47:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|