قەدىردان يوق
(مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى)
قەدىرلىگىم دەيسەن سەنمۇ كۆيگەننى ،
ئاناڭدىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يوق.
ئەزىزلەيسەن سەنمۇ كۆيگەننى،
ئاتاڭدىن. ئۆزگە قەدىردانمۇ يۇق.
ھۆرمىتىنى قىلغىن ئاق سۈت بەرگەننىڭ،
ئۇندىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يۇق.
ئەزىزلىگەن ئاتاڭنى بىلى تالغاننى،
ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانمۇ يوق.
ئىناق ئۆتكىن بىر تۇققان بىلەن،
ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يۇق.
ئىززەتلىگىن سەنمۇ جۇپتىڭنى،
ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق.
ئاسراپ ئۇقۇتقىن قارا كۆزبالاڭنى،
ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق.
ياراملىق قىلغىن يۈرەك پارەڭنى،
ئۇنىڭدىن ئۆزگە قەدىردانىڭ يوق.
قەدرىنى قىلغىن قەردى بىلگەننى،
بىلمىسە ھامان بىر كۈن بىلىىدۇ.
ئېلىپ كەتسە رەھمسز ئەجەل،
شۇندىلا قان يىغلاپ باغرى سىنىدۇ.
2015.8.17
شەھىدانە خوتەن
247 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-18 8:42:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|