كىملەر

كىملەر

 

شېئىر

 

 تىنىچ كۆلدەك قەلبىمگە تاش ئ‍اتتى كىملەر،

 جۇدالىقتا قان-ياش يىغلاتتى كىملەر.

يۇلۇپ ئ‍ېلىپ يۈرەكنى ئ‍القانلىرىغا،

 ئ‍ېزىپ يۈرەكنى پارە-پارە قىلغانتى كىملەر .

 

 مامكاپ كەبى توزىدى ئ‍ۈمىدتە كىملەر،

 ۋاپاسىزلىق چۆللىرىگە تاشلىدى كىملەر.

 خەنجەر ئ‍ۇرۇپ يۈرەكنىڭ بېغىشىغا،

دەرىت ئ‍ىچىدە يۈرەكنى ئ‍ۆلتۈردى كىملەر.

 

 ئ‍اي كەبى رۇجىكىمىن مارلىدى كىملەر،

 ھىجىرانلىق تۇرمۇشقا باشلىدى كىملەر.

 زەھەر بېرىپ ھەر بىر قاراشلىرىدا،

 ياشلىق گۈللىرىنى توزۇتتى كىملەر.

 

 2014-6-13





139 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 23:15:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ