چۈش كىچىسى
ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى
خىيالىمنى ئېلىپ ئىلكىڭگە،
ئىسكەنجىگە ئالدىڭ كۆيدۈرۈپ .
نەزىرىڭگە چۈشسەم غېرىپتەك،
قۇيارسەنمۇ چۆلدە ئۆڭدۈرۈپ.
كىتىپ قالسام باشقا ئالەمگە،
گەر ئەزرائىل جېنىمنى سۈيلەپ .
ئۈندىداردىن ئىلغاپ خېتىمنى ،
سالارسەنمۇ تۇيۇقسىز ئۈنلەپ.
خېنىم - ئېيىتقان ناخشاڭ يېقىملىق،
مەن يادلاشقا نىسىپ بۇلمىدى .
يۈرۈگۈملا بولسۇن سوغىتىم،
چۈشۈم تۈگەل ساڭا تويمىدى.
ئۆتكۈدەكمەن تەلمۈرۈپ ساڭا ،
شىرىن جانغا سېلىپ زۇلۇمنى.
تالاي كىچە سەنسىز قۇپ-قۇرۇق ،
يەتكۈزەلمەي ساڭا قۇلۇمنى.
بەكمۇ ئۇزۇن بولدى بۇ كىچە،
سېغىنىشنىڭ چېكى چەكسىزمۇ؟
ھېجرانىڭدا كۆيدۈم گۈرۈلدەپ ،
ياشاپ يۈردۈم گۈلۈم سەنسىزمۇ.
2017.5.21 كېرىيە
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
52 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇۋەلى ئابدۇغېنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-22 10:54:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|