ئايال دېگەن
مۇھەممەدتوختى سەببەت
ئايال دىگەن ئايال ئۇ،ئۇزۇن ئۆرۈم چاچ بىلەن،
چىمەن دوپپا بېشىدا،قېنىق ئوسما- قاش بىلەن،
ئاماننىسا، نۇزۇكۇم، رابىيەدىن ئۇدۇم ئېپ،
ئىپپىتىنى ساقلىسا، قېنى بىلەن، ياش بىلەن!
ئايال دېگەن ئايال ئۇ،چولپان بىلەن بەسلىشەر
سەھەر تۇرۇپ بىر ئۆينىڭ ھەممىسىگە يېتىشەر،
كىر قىلمايدۇ ياقاڭنى،شىمىڭ تۇرار قىرلاقلىق-
مېھنەت ئۇنى غاجىلاپ، ئاھ، ئىچىدىن تۈگىشەر...
كۈلەر ئۇنىڭ مېھرىدىن، كىچىك دۇنيا گۈل بولۇپ،
پەرزەنت بەختى ئۈچۈن ئۇ، كۆيۈپ ئۆچەر، كۈل بولۇپ،
بولسا مەمنۇن ئىشدىن، ۋاپادارى-سۆيگىنى،
تاقىشىدۇ ئاسمانغا بېشى ئۇنىڭ،نۇر بولۇپ!
ئوغۇز سۈتنى ئايىماس، پەرزەنتىدىن ھىچقاچان،
بېغىشلايدۇ بارىنى،ئۆيى ئۈچۈن ھەر زامان.
جان كىرگۈزەر تۆشۈككە، تاختا-نوغۇچ ئالدىدا
كۈيۈپ –پىشىپ تاۋلىنار، مۇششەققەتتە ئۇ ھامان!
ئايال دېگەن، ئايال ئۇ، پەرزەنت ئۈچۈن پەرۋانە،
سەن ئۈچۈنلا يارالغان، بۇ جاھانغا يىگانە،
قەدرىنى قىل، ئەي ئەركەك،غەنىمەت بىل بارىنى،
كۈيۈن، ئىسسىق چاي بەرگىن، قېنى بولۇپ غەمخانە!
ئايال دىگەن ئايال ئۇ،ئادەمىيلىك ئەخلاقتا
ۋايسىمايدۇ بىر ئۆمۈر،ھايات ئالغان سىناقتا،
ھەمنەپەس بوپ ھەمىشە، ۋاپادارى-يارىغا-
بىللە سۆرەر تۇرمۇشنىڭ ھارۋىسىنى ئۇزاققا!
ئايال دىگەن ئايال ئۇ، بەك تەمەسىز بىر ئىنسان،
پەقەت كۈتەر سېنىڭدىن،بۇلۇشۇڭنى كۈيۈمچان،
ئائىلەڭنى، بالاڭنى، سۆيگىن دەيدۇ دىل بېرىپ،
ئۇندىن ئۆزگە تىلەكلەر،ئاڭا بەكمۇ يات ھامان!
ئايال دېگەن ئايال ئۇ، ئەر كىشىگە ئوخشىماس،
يارالغاندۇر جاپاغا، شۇڭا ساڭا قاخشىماس،
تەسەۋۋۇر قىل، كۈنۈڭنى شۇ ئايالسىز بىر كۈنلا-
بىلسەڭ ھايات بۇرادەر، ئايالىڭسىز ياشنىماس!
ئايال دېگەن ئايال ئۇ، مۇھەببەت دەپ ياشايدۇ،
نېمە، بايلىق مال-مۈلۈك، كۆز قىرىنى سالمايدۇ!
بىلسەڭ ئەگەر قەدرىنى، كۆتۈرىدۇ بېشىدا،
سۇ ئىچىدۇ ساپ دىلى، ياشىرىدۇ-ياشنايدۇ!
104 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-30 15:15:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|