مىنىڭ ئەزىزەم
بىر مەلىكە باردۇر يىنىمدا ،
مەن دائىما ئەزىزلەپ يۈرگەن .
ئۇ يىغلىسا بىرىپ تەسەللى ،
خوشاللىقتا تەڭ بىللە كۈلگەن .
❤
ئۇ بولغاچ ساق ۋە سالامەت ،
ھەر دائىما دىلىم سۆيۈنگەن .
بىرەر قىتىم ئەھۋاللاشمىسام ،
ماڭا يازمۇ قىشتەك بىلىنگەن .
❤
تەسۋىرلىسەم ئەگەردە ئۇنى ،
باتۇرلىقتا نوزۇگۇم كەبى .
قوپال سۆزچىقماس ئۇنىڭدىن ،
شۇنچە ئوماق شۇنچىلىك سەبى .
❤
ئۆز - ئۆزىنى ياساپ يۈرمەيدۇ ،
ئۇنىڭغا ئەمەس ئۈلگە ئەجنەبى .
مۇھىم بىلمەس تاشقى سۈپەتنى ،
ئۆز چىرايى گۈزەل ۋە تەبى .
❤
چىن مىھرىم باردۇر ئۇنىڭغا ،
كۆزلىمىدىم تاشقى قىياپەت .
يىتەرلىكتۇر ماڭا پەقەتلا ،
ئۇنىڭدىكى پاكلىق دىيانەت .
❤
ئۇنى شۇنچە ئەزىزلىسەممۇ ،
ماڭا كۆڭۈل بەرمىدى بىراق .
بىلەلمىدىم نەرىم خاتادۇر ،
قېينار مىنى دەت-ئەلەم پىراق .
❤
مىنى ياخشى كۆرمىسە گەرچە ،
ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇتىمەن زەمزەم .
قاچان كەلسە كۈلۈپ باقىمەن ،
ئۇ يەنىلا مىنىڭ ئەزىزەم .
❤سەبىر ❤
ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى
2015. يىلى 9. ئاينىڭ 1. كۈنى
145 قېتىم كۆرۈلدى | ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-21 0:12:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|