چۈشۈمدە سەن
ئاپتۇرى:ئابدۇرسۇل
ئەزىز يەنە كۆردۈم چۈشۈمدە سىنى،
قۇلۇڭدا گۈل،بېشىڭدا گۈل تاج·
يىگىت كىلىپ تۇتتى قۇلۇڭنى،
قۇلۇڭ سىنىڭ ئايلاندى بىر تاش…
شۇ دەقىقە چاقماقلار چاقتى،
قارا بۇلۇت كەلدى ئالدىراپ،
يامغۇر ياغدى زىمىن قوينىغا،
گويا ئاشىق دەردىگە يېغلاپ…
سەن پەرۋاسىز يىگىتكە دىدىڭ،
ياغقان يامغۇر بەخىتنىڭ بېشى،
يىگىت دىدى ئۇنداق ئەمەس دەپ،
بۇ بىر ئاشىقنىڭ ئەلەملىك يېشى…
شۇ دەقىقە سۈكۈت باشلاندى،
نۇرغۇن خىيال ساڭا تاشلاندى…
كۆز ئالدىڭغا كەلدى سىمايىم ،
شۇئان كۆزۈڭ سىنىڭ ياشلاندى…
يېگىت دىدى ئەي قىز ماڭا قارا،
سۆيگۈ ئۇ ئۇيۇنچۇق ئەمەس،
شاقتىن شاققا قونۇپ يۈرمىگىن،
ھىسىيات گويا ئۆتكۈنچە ھەۋەس…
سۆيگىن بىرنى قەدىرلە ئۇنى،
پۇل-ماللارنىڭ قۇلى بولمىغىن·
مۇھەببەت ئالدىدا ھەممە باراۋەر،
بىركۈنى سەنمۇ خار بوپ قالمىغىن…
شۇ دەقىقە ئويغۇنۇپ كەتتىم ،
ئۇنىڭ رەسىمىنى باغرىمغا باستىم
سۈيۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ لىۋىگە،
سېغىنىپ ئۇنى كۆزگە ياش ئالدىم…
2015-يىل7-ئاينىڭ29-كۈنى (چارشەنبە )
222 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:50:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|