ئالغىنىم ئالغان
مەمەتجان سەمەت
كۈندە ئىزدەپ مەن سېنى بارغىنىم بارغان،
راسلا ساڭا كۆڭلۈم بار ئالغىنىم ئالغان.
تەگكىم يوقتى دېسەڭمۇ يەنە قوغلۇشۇپ،
ئامال تېپىپ چوقۇم يار ئالغىنم ئالغان.
ئاتا ــ ئاناڭ توسسىمۇ تويغا قوشۇلماي،
بۇ پەيلىمدىن يانمايمەن قەتئى بوشاشماي.
بەك بولمىسا ئەپ قېچىپ ھەرگىز قورقىماي،
ئاتالساممۇ گۇناھكار ئالغىنىم ئالغان.
سۆز چۆچەكلەر ئاستىدا قىلىپ كۆمۈلۈپ،
يۈرەك باغرىم لەختە قان بولۇپ سۆكۈلۈپ.
خەلىق ئالەم ئالدىدا يۈزۈم تۆكۈلۈپ،
بولسىمۇ گەر يولۇم تار ئالغىنىم ئالغان.
ئاشىق بولۇپ كۆيدۈمەن سەن قارا قاشقا،
كۆڭلۈم يوقتۇر پەقەتلا باشقا جانانغا.
قەسەم قىلاي قاراپتۇر بۇ يىل بارھاردا،
تويىمىزدا چېلىپ ساز ئالغىنىم ئالغان.
تەھرىرى :مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
132 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-8 22:28:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|