ئانامغا
(كۈنەس ئارالتۆپە)
يېتىپ كەپتۇ ئاڭلىسام بۈگۈن ،
جېنىم ئانا بايرىمىڭ ئىكەن .
بىرەلمىدىم ئەپسۇس سوۋغاتنى.
ئارلىقىمىز بەك يىراق ئىكەن .
بايرام دېگەن شۇ ئەمەسمىدى،
چۈشلىرىمدە كۆرگەن بولساممۇ.
باغرىڭغا تاشلاپ ئۆزۈمنى ،
مەڭزىڭگە ھەم سۆيگەن بولساممۇ .
يوقلاپ ماڭدىم يەنە قەبرەڭگە ،
ئىچىم تولدى ئاچچىق ئەلەمگە .
ئىختىيارسىز تۆكۈلدى كۆز ياش ،
سەبىر دېدىم يەنە ئۆزۈمگە.
قايتىپ ماڭدىم كۆزۈمنى ياشلاپ ،
قەدەملىرىم ئېغىر يول باشلاپ .
كۆرەلمەستىن ئىللىق چېھرىڭنى ،
چىن يۈرەكتىن تىلەكلەر تاشلاپ .
- زىلەيبۈۋى ئەخمەتجان
2017 . 5 . 14 . سەھەر
(يەكشەنبە)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
61 قېتىم كۆرۈلدى | omak520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-21 21:11:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|