بالىلىقنى سېغىندىم
بالىلىقتا بىر قونچاقنى تالاشقان ،
گاھ سۇقۇشۇپ چىدالماستىن ياراشقان .
ۋاللەي ئويناپ كوچىلاردىن ئاداشقان ،
ئەشۇ سەبى بالىلىقنى سېغىندىم .
كېچە ئېيتىپ شۇ تۈگىمەس ناخشىنى ،
ئۇسۇلغا سېپ جىن-شاياتۇن باخشىنى ،
چوقان-سۈرەن سېلىشىپ تەڭ كۈلۈشۈپ ،
ئويلىمايتۇق خوشاللىقتىن باشقىنى .
تۇيدۇرماستىن يۈرەكلەرگە ئوت سېلىپ ،
چاقماق كەبى يىتىپ كەلدى ياشلىقمۇ ،
غايە ، نىشان ، ئارزۇلارنى قالدۇرۇپ ،
قاچتى ئاستا بىزدىكى بەڭباشلىقمۇ .
مانا ئەمدى 40 ياشتىن ئاشقاندا ،
سالامەتلىك بىزدىن يىراقلاشقاندا ،
تۇرمۇش ، خىزمەت بېسىم بۇلۇپ تاشقاندا ،
ئەشۇ غەمسىز بالىلىقنى سېغىندىم ،
ئۇزىماقتا ئاتا -ئانا قېرىنداش ،
ئەجەل كەلسە تاللىماسكەن قېرى - ياش ،
ئەسلەپ ئۆتمۈش مىسكىنلەرنىڭ كۆزى ياش ،
نىمە يەتسۇن بالىلىققا دوست ئاداش…
167 قېتىم كۆرۈلدى | روشەنگۈل ئابدۇۋايىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-1 15:56:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|