ئۆتۈپ كەتتى بۇ ئۆمۈر
قەلبىمنى تىڭشىساڭ دەرت ھەسرەتكە كۆمۈلگەن،
تەنلىرىممۇ ھەم شۇنداق قارا تەرگە چۆمۈلگەن،
ۋاقىت ئەمما ئادىلكەن كۆنمىگەنگە كۆندۈرگەن،
يىغلاپ يۈرۈپ قاخشاپمۇ ئۆتۈپكەتتى بۇ يىللا.
ۋاقىت ئاڭا باقماسكەن ئۆتەرئىكەن يىل بولۇپ،
شۇ ھەسرەتلەر قالاركەن يۈرەكلەردە ئىز بولۇپ،
شۇنداق كۈنمۇ كىلەركەن كۈتۈلمىگەن گۈل بولۇپ،
كۈتكەنلەردىن خەۋەر يوق ئۆتۈپكەتتى بۇ يىللا.
بۇ ھاياتتا كۈتكەنتىم نۇرغۇن گۈزەل ئارماننى،
لىكىن شۇنداق تىرىشتىم تاپالمىدىم دەرماننى،
بېرەر ئىكەن بۇ ھايات تەغدىر ساڭا پۈككەننى،
قاراپ تەغدىرنىڭ يولىغا ئۆتۈپكەتتى بۇ يىللا.
ئەمدى بىلسەم بۇ ۋاقىت ئۆمۈر دىمەككەن،
ئۆمۈرئىكەن ئەسلىدە بۇ ياشاشنى ئۈگەتكەن،
ۋاقىت ئۆتۈپ ئۆمۈرنى بۇ ھاياتنى تۈگەتكەن،
يىللا بىلەم ھەم شۇنداق ئۆتۈپكەتتى بۇ ئۆمۈر.
ـ ھايات♡يولۇم 2015.8.12
ئۈندىدارSaMii0909
275 قېتىم كۆرۈلدى | hayatyolum | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-12 18:21:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|