يىتەر بولدى بەس
يازغۇچىلار تورىدىن Elzat0999 يازمىسى
www.yazghuqilar.com
سۆز ئاچمائەمدى جىم! يىتەر بولدى بەس،
ياخشى بوپ ياشىماق بولدى بىزگە تەس.
سودىغا ئايلانسا قىزلار ئېىپپىتى،
غورۇرنى ئېت يېگەن، ئەرلەر يۈردى مەس.
ياخشىلار بار يەنە بىزلەردە سانسىز،
سۆككۆنۈم ئەمەستۇر قوشۇپ ھەممىنى.
قاراپ باق، ۋىجداننىڭ كۆزىدە بىقىپ،
خومسىلار يۈرمەكتە كىرىپ مەيدىنى.
چىقماقتا كوچىغا قىزلار بەس-بەستە،
قوش خوتۇن ۋە ياكى، ئۈچتە ھەمرا بوپ.
ئەل ھايا، يا نۇمۇس، ئەسلا تىپىلماس،
تارىخلار بۇزۇلدى، ئوڭدا دۈمدە بوپ.
قىزلارغۇ ئازماقتا بو بىر ھەقىقەت،
ۋە لىكىن ئۇلارغا سەۋەپچى كىمۇ؟
ئەركەكلەر ئازدۇرۇپ ئۆردى يۈزىنى،
ۋىجداندىن سوراپ باق، ئىمانلار شۇمۇ؟
ياخشىغا قارالغان ئەمەس، بۇ سۆزۈم،
بىزلەردە كۆپ ئېكەن تالاي تۈلكىلەر.
ئەردەيدۇ سورساڭ ئەمما ئەر ئەمەس،
ئەر بولسا قىزلاردىن تاپماس پىتنىلەر.
قىزلارغا يان باستىڭ! يارىڭمۇ؟ دىمە،
بۇزۇقنى ئاخلايسەن، ئاشناڭمۇ؟ دىمە.
خۇمسىغا كۈنمىگەچ، ئەسلا ۋىجدانىم،
تىلىدىم ھېدايەت، ئۇندىن غەم يىمە.
ياراتقان تەڭرىدىن سورا سوئاللار،
مۇسۇلمان ئەركەكنىڭ زىممىسى نىمە؟
ھارمىدىڭ بۇزۇق دەپ! يەنە پاھىشە،
بۇلدى بەس!ئەي لاۋزا،ئەركەك مەن دىمە.
ھەدەڭ يا سىڭلىڭدىن بار بولسا ئۆيدە،
ئاگاھ بول قىلمىشىڭ يانار ئۆزۈڭگە.
قىزلارنى ھۆرمەت قىل، ئايال، ئۇ ئانا،
يىغىسى تۇتمىسۇن، بايقا سۆزۈڭگە.
كۆردۈڭمو ؟ قىزلارنىڭ ياتقان يېرىنى،
ۋە ياكى ئىپپەتنى ساتقان يېرىنى.
ساتقاندۇ ساتسىمۇ ، ساڭا ساتقاندۇ،
قاۋايسەن نىمىگە تاتلاپ يىغرىنى.
ۋىجدانىم بار دىسەڭ سۆكمە قىزلارنى،
ئەركەككە ياراشماس خۇمسا مىجەزلەر.
ئۇيغۇرنىڭ قىزلىرى، ئاناڭنىڭ قىزى،
دۇئا قىل پاك بولسۇن،مەڭگۈ ئىپپەتلەر.
183 قېتىم كۆرۈلدى | Elzat0999 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-26 19:17:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|