يوق بولدى بۈگۈن يوق بولدى ئانام
خەلچەم سەدەنشاھ
زىمىننى تىترىتىپ يەڭگىگەن مېنى،
خوشاللىق ياشلىرى تۆككىنى ئانام.
مېھرى بىلەن پەرپىلەپ باققان،
سۆيۈملۈك ئىنسانسەن پەرىشتە ئانام!
نە بولدى بۇ كۈن زىمىن تىتىرەپ،
ھاۋا تۇتۇلۇپ قارا بوران كەلدى.
بۇ شۇم ئەجەل ھەم تۇيۇقسىز يىتىپ،
يوق بولدى بۈگۈن يوق بولدى ئانام!
ئۆيۈمنىڭ بەركىتى مېھرىبان ئانام ،
قوينىڭ گويا جەننەتتۇر ماڭا .
كۆزۈمنى توسۇپ ، دىلىمنى مۇجۇپ،
يوق بولدى بۈگۈن يوق بولدى ئانام!
ئاللاھنىڭ بەرگەن ئېسىل سوۋغىسى،
ئىدىڭ ئۆزۈڭ پەرىشتەم ئانام.
ھالىڭ يېتەر بولغاندا قىزىڭ ،
يوق بولدى بۈگۈن يوق بولدى ئانام!
سېنىڭ ئەجرىڭسىز باغلار باغ بولماس،
سېنىڭ مېرىڭسىز ئۆيلەر ئۆي بولماس.
مېھنەت ئىچىدە ئۆتتۈڭ بىر ئۆمۈر ،
يوق بولدى بۈگۈن يوق بولدى ئانام!
مەدھىلەر سۆزى ياغقاندا بۈگۈن ،
ھەممە كېچىكتى ، رازى بول ئانا.
تىنىمسىز تىلەيمەن ئۇلۇغ ئاللادىن،
بولغايسەن مەڭگۈگە جەننىتى ئانا!
254 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم سەدەنشاھ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 12:00:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-7 10:42:24 | تۇرانىسكى |
مەزمۇنى ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ شۇنداق ئاممىباپ يېقىشلىق ،بىراق بارماق ۋەزىنلىك بۇ شېئىرنىڭ بوغۇم سانلىرىدا تەكشىسىز بولۇش ئەھۋاللىرى ھەر كۇبلىتتا دېگۈدەك باركە مۇشۇ يەرنى تۈزىتىۋالسىڭىز ئاندىن تىل قاراتمىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىر كۆتەرسىڭىز ئىشىنىمەنكى بۇندىن كېيىنكى شېئىريەت يولىڭىز داغدام بولغۇسى سىزگە ئامەت تىلەيمە |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|