قەيسەر تۇرسۇن (قەھران)
دوسلۇرۇم
كۈلگىنىمدە يۈرىكى ، ئوتتا كۆيگەن «دوسلۇرۇم
مەن يىغلسام بەزمىدە ، ئويناپ كەتكەن «دوسلۇرۇم»
يوللۇرۇمدا ئورا كولاپ ، تىنماي قىلتاق ئويلۇشۇپ
مىنىڭ يىغام غىمىمگە ،زار بولۇشقان «دوسلۇرۇم»
ئۆز ئىشىنى قىلالماي ،كەلسە ۋاي دەپ يالۋۇرۇپ
چوڭ سۆزلىرى تىپىلماس ،خوشامەتتە «دوسلۇرۇم»
ئۆتۈۋالسا ئۆتكەلدىن ،ناغرا سۇناي چىلىشىپ
ئەلگە مىنى مات قىلىپ ،بايان ئىيتقان «دوسلۇرۇم»
قىلغان ئىشىم ياراتماس ،ئەرزىمەيدۇ قىلچە دەپ
لىكىن ئۆزى بىر قەدەم ،باسالمايدۇ «دوسلۇرۇم»
مەن ئالغاندا شەرەپنى ،يالغان توقۇپ ئارقامدىن
مىنى ئىپلاس نۇمۇسسىز ، نىقاپلايدۇ «دوسلۇرۇم»
گەپ تاپىدۇ ئارقامدىن ،توختىمايدۇ ئۆلمىسەم ،
بەلكى ئۆلۈم كۈنۈمدە بەزمە قۇرار «دوسلۇرۇم»
تويۇم بولسا ھىچ يوقتۇر ، ئۇلاردىكى خۇشاللىق
چۈنكى مىنىڭ كۈلكەمدىن بەك قورقىدۇ «دوسلۇرۇم»
قەيسەر تۇرسۇن (قەھران)
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
76 قېتىم كۆرۈلدى | kaisar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 14:58:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|