ئوتتۇز ياشلىق دوستلارغا
ixki908
كۆزيۇمۇپ ئاچقۇچە كىردۇق ئوتتۇزغا،
قىراۋلار باغلىدى باشتىكى قۇندۇزغا.
نىمىلەر قىلارمەن دەپ خىيال سۈرۈپ،
ئوخشاپلا قالمايلى ئۆچكەن يۇلتۇزغا.
بالىمىز دادا دەپ بويلار تالىشىپ،
ھەر كۆرسە بوينۇڭدا مەھكەم يامىشىپ،
ئەركىلەپ ئولتۇرسا قۇچاق ئۈستىدە،
ئۆتەركەن كۈنىمىز دائىم شادلىنىپ.
تۈنۈگۈن ئۆزىمىز بالا ئىدۇققۇ،
قاچانمۇ چۇڭلاردەك يۈرەرمىز دىدۇققۇ،
يېشىمىز يەتكەندە مانا ئوتتۇزغا ،
تىرىكلىك دەردىدە غەملەر يىدۇققۇ.
ئوتتۇزياش ئۇنۇتما قىران مەزگىلىڭ.
ئوتتۇزياش ھەم سىنىڭ دەرتمەن مەزگىلىڭ.
باش ئەگمە جاپاغا،تېگى مىڭ ئالتۇن،
بىكارغا كەتمەيدۇ يەرگە تەرگىنىڭ.
ئەي دوستلار ئوتتۇز ياش قايتا كەلمەيدۇ،
ئوتتۇزياش ۋاقتىڭغا ھېچنىمە يەتمەيدۇ،
شۇڭلاشقا دوستلىرىم قەدىرلە ئۇنى،
ئوتتۇزغا كىرمىگەن بۇنى بىلمەيدۇ.
211 قېتىم كۆرۈلدى | ixki908 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-24 11:30:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|