ئىنىمغا (شېئىر)
جامالىدىن يۈسۈپ يانار
سۈتنى تەڭ تالىشىپ ئەمگەن بىز ئىنىم،
شۇڭلاشقا سەن مېنىڭ جىگىرىم جېنىم.
ئارمانسىز ئۆتكۈزەي دىسەڭ ھاياتنى ،
چوڭقۇر چۆك تۇرمۇشقا كۈندە مىڭ قېتىم .
بالىلىق چېغىڭدا شوخ ئوماق ئىدىڭ ،
ئەمدى سەن چوڭ بۇلۇپ سەپكە قېتىلدىڭ .
بۇ ھايات تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدا ،
پولاتتەك تاۋلاندىڭ قۇشتەك يېتىلدىڭ .
تىرىشقىن بىلىم ئال ئۆگەنگىن ئۆگەن ،
خار بولماس ئەزەلدىن بىلىمنى سۆيگەن .
پۇشايمان قىلىسەن بىر كۈنى ئىنىم ،
بەڭۋاشلىق دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن .
كونىلار ئېيتىدۇ بىلىم بىر بۇلاق ،
نادانلار يولىغا نۇر چاچقان چىراغ .
ھەي ئىنىم ياراتقىن ئۆزۈڭنى پەقەت ،
ئويغۇنۇپ غەپلەتتىن تۇرغىن سەن يىراق .
بىلىمنىڭ كانىدىن ئۈنچىلەر قازغىن ،
نادانلىق ئىللەتنى يىراق تاشلىغىن.
ئىزدىنىپ ئۇتۇقتىن قۇچۇپ سەن زەپەر ،
رەقىبىڭ كۆزىنى قان قان ياشلىغىن .
ئۈمۈدۈم ۋۇجۇدۇڭ ئوت بۇلۇپ يانسۇن ،
باسقان ھەر قەدىمىڭ گۈللەرگە تولسۇن .
ئىنسانسەن ئىنساندەك ياشىغىن ئىنىم ،
ئون سەككىز يېشىڭغا مۇبارەك بولسۇن .
2017-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇرپان شەھىرى
ئۈندىدار :13999460492
98 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-18 18:13:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|