سەن يوق ئاتا
لوقمان ياسىن
باھار كىلىپ، قارمۇز ئېرىپ، ئەگىز ئاققاندا،
سەن يوق ئاتا، مەن ئېتىزدا ئېچىق ئاچقاندا.
بىنەم ساقلار، بېزنى كىلىپ ئۇرۇق چاچسۇن دەپ،
لىكىن سەن يوق، قانداق قىلاي قوشنى قاتقاندا.
مەزلۇم، ئاجىز كۈلكە تاپقان قاداقلىرىڭدىن،
كەتمىنىڭنى مېھىر بىلەن ھەر بىر چاپقاندا.
سەن تېرىغان ئۇرۇقلاردىن ئالەم شادلانغان،
يېشىم ئاقتى سېنى دوراپ خامان قاتقاندا.
سەن ئېيتقان شۇ تارىخلاردىن قەلبىم ئوت بولغان،
قارا قىشتا ئاي دالىدا تۇغان باققاندا.
ئەجرىم بىلەن مەنمۇ چۆلنى قىلغان ئىدىم باغ،
لىكىن سەن يوق شۇ باغلىرىم مېۋە تۇتقاندا.
قانچە بوران، قانچە جۇدتا ئەگمەستىن بويۇن،
مەزمۇت تۇرغان ئىدىڭ يازدا قارمۇز ياغقاندا.
جۇدلار ئۆتتى، بۇران كەتتى، باغلاردا چېچەك،
لىكىن سەن يوق، باغدا بۇلبۇل كۈيلەر قاتقاندا.
166 قېتىم كۆرۈلدى | لوقمان ياسىن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-6 11:00:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-8 13:48:58 | abduhalik |
durus yezipciz |
2015-8-7 0:22:34 | ھەبىبە |
سەۋىر قىلىڭ..ياخشى يىشىپسىز تىرشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|