ئەللىك يېشىڭغا مۇبارەك ئانا
ئەللىككە يول ئالدى يىل يېشىڭ بۈگۈن،
مۇبارەك جان ئانا بۇ قۇتلۇق كۈنۈڭ.
قۇت سالام يوللايمەن ئېھتىرام بىلەن،
نۇرلانسۇن شادلىقتىن مېھىرلىك كۆزۈڭ.
بىز قاچان تۇغۇلدۇق شۇنىڭدىن باشلاپ،
بالام دەپ ياشىدىڭ ئۇنتۇپ ھەممىنى.
مەيلى كۈل قاقاقلاپ ئاھ ئۇر زارلىنىپ،
بىر ئۆزەڭ بىلىسەن بارچە دەردىڭنى .
يۈزۈڭدىن كەتمەيدۇ ئىللىق تەبەسسۇم،
قەلبىڭدە تاشسىمۇ يىغا كەلكۈنى.
كۆرمۈدۇق بىرەر رەت بېشىڭ ئەگكىنىڭ،
توسسىمۇ يولۇڭنى كۈلپەت تۇمانى.
ھەم ئانا ھەم ئۇستاز بولدۇڭ بىز ئۈچۈن،
سېنىڭدىن ئالدۇق بىز تۇنجى ئىلىمنى.
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشا قىزىم دەپ،
قەدەمدە كۆرسەتتىڭ ھەقنىڭ يولىنى.
قۇندۇزدەك قاپقارا سۇمبۇل ساچلىرىڭ ،
ئاق ئارلاپ تالىنى ئۆچتى ئۇزلۇقى.
ئالمىدەك چىرايلىق ئىدىغۇ يۈزۈڭ،
ئاھ،بۈگۈن كۆرگۈنۈم يىللار قورۇقى.
بولدى بەس بىزلەردىن ئەمدى غەم يىمە،
ئاسراپ قوي ئۆزەڭنى يىتەر جاپايىڭ.
قېنى چىق تۆرىگە تۇتاي پۇت قولۇڭ،
نۆۋەتنى ماڭا بەربولاي تايانچىڭ.
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ئانا،
بارچە شان-شەرەپلەر لايىقتۇر ساڭا.
ئەللىكتىن ئاتلىدىڭ ئۇلاشقىن يۈزگە،
قانمايدۇ بۇ يۈرەك مېھرىڭگە ئەسلا .
ئالتۇندەك تىنىڭگە ساقلىق تىلەيمەن،
شۇ بىر جۈپ كۆزۈڭنىڭ نۇرى بولايمەن.
يول يۈرسەڭ قولۇڭدا ھاساڭ بولايمەن،
مۇڭۇڭغا مۇڭ بولۇپ سىرداش بولايمەن .
199 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-31 23:27:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|