سەھرادا بار
مۇھەممەدتوختى سەببەت (تۈنتېكىن)
ئىزدىسەڭ كەل دوستلىرىم سالقىن ھاۋا سەھرادا بار،
ياپشېيىل دالانى سۆيگەن شوخ سابا سەھرادا بار.
ئەرلىرى بەردەم،خوتۇن-قىزلىرى ئىشچان-لېۋەن،
قولى گۈلدۇر، مېھرى ئوت،ئاتەش-لاۋا سەھرادا بار.
گۈل پۇرايدۇ باغلىرى،يالپۇز پۇرار ئېرىق لېۋى،
ئەشۇ نىمجان رەڭگىروھىڭغا داۋا، سەھرادا بار.
نەگە باقساڭ ئاڭلىنار زۇمرەت بۇلاقلار كۈلكىسى،
ئۇندا ئەكسىڭنى كۆرەرگە نۇر-جۇلا سەھرادا بار.
كۆككە بوي سوزغان يېشىللىق،كۈيچى قۇش ماكانىدۇر،
كېچە-كۈندۈز توختىماس شوخ كۈي-ناۋا سەھرادا بار.
سۈبھى پەيتى،ياڭرىغاي ئەزان ئۈنى كۆكنى قۇچۇپ،
نۇر-ھىدايەت ،چاقىرىق،مۇڭلۇق دۇئا سەھرادا بار.
يۇرتنى سۆيگىن ئەر ئاتالساڭ دەيدۇ ئەجداد-بوۋىمىز،
شۇ خىتابنىڭ شاھىدى-ياڭراق سادا سەھرادا بار!
ئاپتورنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ، ئىسىم بىلەن تارقىتىڭ.
110 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-23 8:27:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|