مەن بەختىڭنى تىلەيمەن جانىم
گەرچە كۆڭلۈم بولسىمۇ ساڭا،
ئازاپ چەكتىم دىيەلمەي پەقەت.
كۆيۈپ سىنىڭ ھىجرانىڭدا مەن،
قىينىدىغۇ ئوتلۇق مۇھەببەت.
رازى ئىدىم جاندىن كىچىشكە،
سىنىڭ ئۈچۈن زەھەر ئىچىشكە.
لىكىن يايرىم بىلمەستىن بۇنى،
زورلىدىڭغۇ ھەسرەت چىكىشكە.
بوپتۇ يايرىم ئامالىم قانچە ،
لىكىن مىنى قىينىما بۇنچە .
مىنى سالساڭ قانچە ئازاپقا،
بىراۋدىنمۇ ئالىسەن شۇنچە.
گەر بولسىمۇ قەلىپ ئىگىسى،
تىزگىنى يوق كۆڭۈل دىگەننىڭ .
سۆيۈپ تۇرۇپ بىراۋنى شۇنچە،
پايدىسى يوق ئازار يىگەننىڭ.
بوپتۇ يايرىم ماڭغىن يولۇڭغا ،
بەخىت تاپقىن سۆيگەنلىرىڭدىن.
سۆيۈپ ئالغىن بەختىڭنى ھەم سەن،
سەن سۆيگەن شۇ سۆيگەنلىرىڭدىن.
سۆيگەنلىرى تىلەشسە بەخىت،
سۆيۈلگەنلەربولۇر بەخىتلىك.
مەن بەختىڭنى تىلەيمەن جانىم،
بولۇپ ئۆتكىن مەڭگۈ بەخىتلىك.
تۇرسۇنئاي مۇختەر
187 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرسۇنئ اي مۇختەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 10:59:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|