پۇل تاپساڭ
ئابلىزئوبۇل فونتان
تاشلىغانلارلىۋىنى ياقارئىكەن پۇل تاپساڭ،
دۆڭ بولسىمۇئېرىقىڭ ئاقارئىكەن پۇل تاپساڭ.
دۈشمەنلىرىڭ كەلگەندەشۇداچاڭنىڭ ئالدىغا،
سەپ،سەپ بولۇپ ھەرىلەرچاقارئىكەن بۇل تاپساڭ.
سەيلەقىلساڭ كۇچىنى چاپىنىڭنى كۈتۈرۈپ،
دوسىت دۈشمەننىڭ ھەممىسى باقارئىكەن پۇل تاپساڭ.
ئازبولسىمۇنەتىجەڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا،
شان شەرەپنىڭ گۈلىنى تاقارئىكەن پۇل تاپساڭ.
ئۇشلىماستىن قۇزۇقنى قاقاي دېسەڭ تاشلىققا،
شۇئان يۇمشاپ باغرىنى ئاچارئىكەن پۇل تاپساڭ.
تىگىپ قويسا چىشىڭغائېتىپ قويساڭ مۇشتۇڭنى،
پالۋانلارمۇشۇھامان ناكارئىكەن پۇل تاپساڭ.
ئوتتۇزئوغۇل ئالدىداچۈشۈپ قالساڭ بەيگىگە،
رەقىپلىرىڭ ئاخىرى ياتارئىكەن پۇل تاپساڭ.
قەدىناستىن ئايرىلساڭ مۇسىبەتلىك كۈنلەردە،
قېرىساڭمۇياش قىزلارچاكارئىكەن پۇل تاپساڭ.
ئۆگەيلىمەي بالاڭنى قىلىپ بىرىپ چالاڭنى ،
خوتۇن بولۇپ ئۆيۈڭدەباقارئىكەن پۇل تاپساڭ.
ئاپتۇر:سانجى داشىچۈبازىرىدا
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
78 قېتىم كۆرۈلدى | ئابلىزئوبۇل فونتان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-22 17:11:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|