ئارزۇلىرىم ئىشقا ئاشقۇچە
变心
يېقىنلاشما ئۆتۈنەي ماڭا ،
ئارزۇلىرىم ئىشقا ئاشقۇچە .
مۇھتاج بولمايمەن ھازىرچە ساڭا ،
ئارزۇلىرىم ئىشقا ئاشقۇچە .
ئارقاڭدىن ئەگەشتىم ساڭا بىر مەھەل ،
شۇ كۈندىن باشلاندى ئارقىغا قەدەم .
كەچمەكنى ئويلايمەن ھەركۈنى - ھەردەم ،
ئارزۇلىرىم ئىشقا ئاشقۇچە .
تاشلىشىم كىرەكتى بۇرۇنلا سېنى ،
قۇربىتم يەتمىدى بۇنىڭغا مېنىڭ .
پەقەتلا بىر مەزگىل قويىۋەت مېنى ،
ئاشۇ بىر ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشقۇچە .
ھامان ئىزدەيمەن سېنى بىر كۈنى ،
كۆرىمەن شۇ كۈنى كىلەمسەن قېنى.
ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغىن ئۆزۈڭنى ،
پەقەتلا ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشقۇچە .
ئارزۇيۇم ئۇنچىلىك قىينمۇ ئەمەس،
ۋەلىكىن ئۇنچىلىك ئاسانمۇ ئەمەس .
ئۇنۇتتۇم ھەممىنى ئۇنتۇيمەن پەۋەس ،
بىر كۈنى ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشقۇچە .
168 قېتىم كۆرۈلدى | 变心 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-19 23:13:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|