بولسا ئەلدە ئىناقلىق
مۇھەممەدتوختى سەببەت
گۈللەر خۇشھىد چاچىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق،
ئىقبال چىراي ئاچىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق،
يامان يىراق قاچىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق،
ۋەتەن ئالغا باسىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
ئەللىك ئالتە قېرىنداش گويا ئانار دانىسى،
پەۋرىشىدە يېتىلگەن ئەجدادلارنىڭ ۋارىسى،
ئۇلۇغ جوڭخۇا ۋەتىنىم ھەممىمىزنىڭ ئانىسى-
راست پەپىلەپ باقىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
بىرنىيەتتە ئۇيۇشۇپ،يۈكسەك پەللە كۆزلىسەك،
ئەۋلادلارغا ھەردائىم ئىناقلىقنى سۆزلىسەك،
زىچ ئۇيۇشۇپ بىرلىكتە،داۋانلارنى تۈزلىسەك،
جەڭ تۇلپىرى چاپىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
ھەممە مىللەت بىرلىكتە چىقساق جەڭگە يەڭ تۈرۈپ،
ياساپ پولات ئىستىھكام،بىرسەپلەردە تەڭ تۇرۇپ،
"ئۈچ خىل كۈچ"نى يوقاتساق،زەربە بىلەن تىغ ئۇرۇپ،
خەلقىم مېدال ئاسىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
ئويلا دوستلار ،يالغۇزلۇق كىمنى زەپەر قۇچقۇزغان؟
تېنەپ قالساڭ جاڭگالدا،كىملەر سېنى قۇتقۇزغان؟
سەپەر قىلسا گەر كارۋان،مەنزىل روناق تاپقۇزغان،
ھەممە دىلنى ئاچىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
لاچىن قانات قاقالماس،جۈپ قاناتى بولمىسا،
دەريا شاۋقۇن سالالماس،تارام-تارام تولمىسا،
گۈلنىڭ ئۇزلۇقى نەدە،بۇلبۇل كېلىپ قونمىسا،
يالغۇزنى نەس باسىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
مىللەت روناق تاپالماس،تۈگىمىسە نىزالار،
ئايلىنىدۇ ئوغىغا،يىگەن ئۈچ ۋاق غىزالار،
ئابى زەم زەم ئىچسەڭمۇ كېسەل تاپماس شىپالار،
نى ئەيىپلەر ياپىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق.
ئۇلۇغ جوڭخۇا ئەزەلدىن ئۇيۇشۇشنىڭ مەھسۇلى،
ئۆملۈك تۇغى لەپىلدەر،ئاقىل بولغاچ مەسئۇلى،
قۇدرەت تېپىپ زورايغاچ ،ياڭرار خوشال مەرغۇلى،
كۈچكە كۈچلەر قاتىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق.
كۆز ئالايتسا دۈشمەنلەر،يوللىرىنى تورىساق،
بىرنىيەتتە ھەرمىللەت ئۆملۈك خورى توۋلىساق،
ۋەتەن ئانا باغرىنى قىزىلگۈلگە ئورىساق،
يۈكسەك ئابروي تاپىدۇ،بولسا ئەلدە ئىناقلىق!
2017-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى(كەچ)
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
53 قېتىم كۆرۈلدى | tuntekin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-20 23:58:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|