كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا
( ناخشا تېكىستى )
مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش
----------------------
كىملىكىمنى بىلمىسەڭ ئەگەر،
دوستۇم ياكى ئۆزۈمدىن سورا.
دۈشمەن سۆزى زەھەردۇر-زەھەر،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا.
دەپسەن مېنى چۈشەنمەي تۇرۇپ،
كۆڭلى قارا ، ئىچى قۇپ-قۇرۇق.
كۆرەلمەسنىڭ گېپىنى قويۇپ ،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا .
غەيۋەتخورلۇق ھەممىدىن يامان،
يالغاننى راس قىلغاچقا بايان.
چۈشنەرسەن بىر كۈنى ھامان،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا.
سەن بىر ئادەم،مەن ئۆزگە ئالەم،
سۆيگۈ ئىزدەپ ياڭرايدۇ نالەم.
چۈشەنمەسكە يوق مېنىڭ چارەم،
كىملىكىمنى ئۆزۈمدىن سورا .
----------------------
ئىشلەتكۈچىلەر ئاپتورنى ئىزدەڭ!
ئاپتورنىڭ ئۈندىدارى: otkax0991
223 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتتۇرسۇن مەمتىمىن ئوتقاش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-22 0:07:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|