ئۇيغۇر قىزى
يۈسۈپ ئەخمەت (باشلامچى...)
سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈڭ قاراسىنى،
كۆزۈڭ گۇيا كېچە چولپان يۇلتۇزى.
يۈزۈڭ ئوخشار، كېچىدىكى تولۇن ئايغا،
ئەتلەس كۆينەك كىيىۋاپسەن ئۇيغۇر قىزى.
ماڭغان ھەربىر قەدەمىڭدە نازاكەت بار،
قىلغان ھەربىر سۆزلەرىڭدە ساداقەت بار.
بىرگە سادىق ھايا، ئىپەت ئىتائەت بار،
ئەركەكلەرنىڭ ئۇستازىسەن ئۇيغۇر قىزى.
گۇناھلارغا قېتىلىپ ئېزىپ كەتتى بەزىسى،
يىرتىق ئىشتان كىيىشنى، قىلىۋاپتۇ ياڭزىسى.
باردۇر يەنە ئىپەتلىك غورورى بار نوچىسى،
شەرمى ھايا ئۈلگىسى، پاك ئۇيغۇر قىزى.
يامان يولغا باشلىسا سالدىڭ يۈزگە كاچاتلاپ،
سەنمۇ ئۇيغۇر ئوغلىمۇ؟ دەپ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ.
قىزلار بۇزۇق بوپكەتتى دەيدۇ ھەممە ۋالاقلاپ،
ئۇنداقلاردىن ئەمەسسەن پاك ئۇيغۇر قىزى.
يۈرەك سوقار تىپىرلاپ ئىززىتىڭ ئۈچۈن،
ۋەيران بولغان ئۇيغۇرنىڭ قىسمىتى ئۈچۈن.
ۋەتەن مىللەت روھىنىڭ قىممىتى ئۈچۈن،
ئۈمۈدىمىز سەندە قالدى پاك ئۇيغۇر قىزى.
ماڭدى قىزنى يېتىلەپ دادا بولغۇچى،
ياساندۇردى قىزىنى ئانا بولغۇچى.
توسالمىدى بۇلارنى ئاكا بولغۇچى،
رەنجىمىگىن ئەرلەردىن پاك ئۇيغۇر قىزى.
تۇتىۋالغىن ئۆزەڭنى، يامان يولدا ماڭمىغىن،
نۇزۇك ماڭغان توغرا يولدىن قايىتمىغىن.
ئىپپىتىڭگە كۆز سالغان ئەرگە يېقىن بارمىغىن،
قايتىلەتىن كۆز ئاچقىن پاك ئۇيغۇر قىزى.
2067186198
162 قېتىم كۆرۈلدى | baxlamqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 20:31:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-24 1:52:19 | ئارزۇ |
بەك ئسل ، مەزمۇنى چۇڭقۇر ،تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئگە بۇپتۇ، |
2015-9-24 1:34:39 | ئارزۇ |
ئسل مەزمۇنلا ئۈزلۈپ قالمىسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|