ھىيىت بۈگۈن
ھىيىت بۈگۈن بايرام بۈگۈن ھەممە كۇڭۇل شاتلانسۇن ،
ئۇنتۇپ ھەممە دەرت ئەلەمنى خۇشاللىققا ئايلانسۇن .
غىرىپ غۇرۋا مۇساپىرلار ئۇنتۇلمىسۇن، يۇقلانسۇن ،
چۇنكى ھەممە مۇسۇلمانغا ئۇرتاق بايرام ھىيىت بۈگۈن .
****
گۈزەل بۇلسۇن تىلەكلەر نۇرغا تۇلسۇن يۈرەكلەر ،
قىرىنداشلىق مىھرىدىن ياشناپ كەتسۇن كۆڭۈللەر .
ئەپۇ قىلىپ بىربىرنى ئىجىل ئىناق ئۇتەيلى ،
چۈنكى ھەممە كىشىگە ئۇرتاق بايرام ھىيىت بۈگۈن .
******
قاراپ قويغىن ئەتراپىڭغا غىرىپ مىسكىن قالمىسۇن ،
شۇ گۈل چىراي سەبىيلەر قەلبى غەمگە تولمىسۇن .
خۇشال بۇلسۇن ئۇلارمۇ ئىچ ئىچىدىن قاقاھلاپ ،
چۈنكى ھەممە ئۇيغۇرۇمغا ئۇرتاق بايرام ھىيىت بۈگۈن .
*****
سويمىساڭمۇ تۆگە- كالا، سال دەستىرخان چىرايلىق ،
كۇتىۋالغىن جامائەتنى بولۇپ ئىللىق "چىراي"لىق .
ئالغىن دۇئا جامائەتتىن، ئەبەتكىچە كۇكلەيسەن ،
چۈنكى ھەممە مۇسۇلمانغا ئۇرتاق بايرام ھىيىت بۈگۈن .
ئادىلجان .(ئابلاخمەت )
2015-يىلى 09- ئاينىڭ 23-كۇنى (چارشەنبە)
165 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 14:06:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|